ئەلكۈيى تورى قورۇلغانلىقىنىڭ 6 يىللىقىغا مۇبارەك بولسۇن!

 ئەلكۈيى تورى خەۋىرى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەلكۈيى تور بېكىتى قورۇلغانلىقىنىڭ ئالتە يىللىق خاتىرە كۈنى بولۇپ،بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەلكۈيى تور بېكىتى قورۇلغانلىقىنىڭ ئالتە يىللىقىنى تەبرىكلەش شۇنداقلا ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قورۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى قۇتلۇقلاش ئۈچۈن شىركەتتىكى كەڭ ئىشچى_خىزمەتچىلەرگە بىر قېتىملىق دەم ئېلىش ، ساياھەت پۇرسىتى يارىتىپ بىرىش مەقسىتىدە 15-سىنتەبىر ئەلكۈيى شىركىتىدىكى بىر قىسىم ئىشچى _ خىزمەتچىلەر ۋە ئەلكۈيىگە يېقىندىن ياردەمدە بولىۋاتقان بىر قىسىم شەخىسلەر بىرلىكتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان جەنۇبىي تاغ ساياھەت رايونىغا بىر كۈنلۈك دەم ئېلىش ۋە ساياھەتنى ئاساس قىلغان لاگىر پائالىيتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
         بۇ قېتىملىق ساياھەت پائالىيتى ئەلكۈيى تور- تېخنىكا شىركىتى ئىشچى – خىزمەتچىلىرى بەھرىمان بولىدىغان بىر تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيتى بولۇپ، دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، خىزمەت بېسىمىنى يىنىكلىتىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان. پائالىيەت داۋامىدا ئۆز-ئارا سىردىشىش، تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق خىزمەتچى خادىملار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىلدى، ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىقنى ئاساس قىلغان مۇسابىقىلەر كەڭ خىزمەتچى خادىملار ۋە دوست - بۇرادەرلەرنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا ئۆز كۆچىنى كۆرسىتىپ لاگىر پائالىيتىمىز تولىمۇ جانلىق ئۆتكۈزۈلدى.
          پائالىيەتكە ئەلكۈيى شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار يىتەكچىلىك قىلدى ۋە ئەلكۈيى شىركىتىدىكى كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن مىھمانلارنى ئۆز-ئارا تونۇشتۇردى،بىر كۈنلۈك لاگىر پائالىيتى ماھارەت كۆرسىتىش،تاغقا چىقىش،توپ ئويناش،كوللىكتىپ ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇش دېگەنگە ئوخشاش تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن تولىمۇ كۆڭۈللۈك داۋاملاشتى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەلكۈيى تورى قورۇلغانلىقىنىڭ 6 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەش ۋە ئەلكۈيى تورىدىكى كەڭ تورداشلارغا بۇ قېتىملىق دەم ئېلىشنى ئاساس قىلغان لاگىر پائالىيتىمىزدىكى مەزمۇنلار بىلەن خەۋەردار قىلىش مەقسىتىدە پائالىيتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق،ياقتۇرۇپ كۆرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

    فىلىم قويۇلمىسا ياكى قېتىۋالسا ئۈستىدىكى 56 تورى قويغۇچىسى ئارقىلىق كۆرىدىغان فىلىمنى قۇيۇپ كۆرۈڭ،ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان نۇسخىسىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز مېدىياقويغۇچ ئارقىلىق كۆرىدىغان بۇ نۇسخىسىنى كۆرۈڭ!
 
      رەسىملەرنىڭ ئېنىقلىقى يۇقىرى ۋە چوڭ ھالەتتىكىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز قايسى رەسىمنى كۆرۈش خالىسڭىز شۇ رەسىم ئۈستىگە مائۇسنى ئەكىلىپ بىر قېتىم چەكسىڭىز رەسىمگە مۇناسىۋەتلىك ئېنىق ئۇچۇرلار ۋە چوڭايتىلغان رەسىملەر كۆرۈنىدۇ.
 
جەنۇبىي تاغ ساياھەت رايونى تەبرىكلەش پائالىيتىدە چۈشكەن رەسىملەردىن ئارىيە..

  رەسىملەرنىڭ ئېنىقلىقى يۇقىرى ۋە چوڭ ھالەتتىكىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز قايسى رەسىمنى كۆرۈش خالىسڭىز شۇ رەسىم ئۈستىگە مائۇسنى ئەكىلىپ بىر قېتىم چەكسىڭىز رەسىمگە مۇناسىۋەتلىك ئېنىق ئۇچۇرلار ۋە چوڭايتىلغان رەسىملەر كۆرۈنىدۇ

ئويۇشتۇرغۇچى ئورۇن: ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئەلكۈيى تور بېكىتى

پائالىيەت ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي تاغ ساياھەت رايونى
پائالىيەت ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
پائالىيەت تېمىسى: ئەلكۈيى تورى قورۇلغانلىقىنىڭ 6يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە ئەلكۈيى شىركىتىدىكىلەرگە ساياھەت دەم ئېلىش پائالىيتى ئورۇنلاشتۇرۇش