::ئەلكۈيى تورى چوڭ ئىشلىرى Www.Alkuyi.Com ::

خەنزۇچە

|

ئۇيغۇرچە

ئەلكۈيى تورى ›› ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى

      2011-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى،ئەل سۆيگەن داڭلىق ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئەلكۈيى تورىدا زىيارەتتە بولدى ھەمدە <<ئەلكۈيى ئېكرانى>>نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە كەڭ - كۇشادە بىر مەيدان ياخشى سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈپ ئەلكۈيى تورىدا تارقىتىلدى.

     2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى (شەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7:30دىن 8:30غىچە ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى،ئەلكۈيى تور تېخنىكا شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى FM107.4سەنئەت رادىيوسى <<شەھەر ئاۋازى>>پروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەلكۈيى تورى ھەققىدىكى مەزمۇنلاردا سۆزلەپ بەردى.

     2011-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى،سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى،ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە مەپتۇن قەھۋەخانىسىدا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم باشچىلىقىدىكى داڭلىق چولپانلار قاتناشقان بىر مەيدان سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى ۋە ئەلكۈيى تورى نەق مەيدان ئەھۋالىنى سۈرەتكە ئېلىپ توردا تارقىتىش خىزمىتىنى ئىشلىدى.

     2011-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى ئۈمىد غېنى بېيجىڭدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن،ئەلكۈيى تورىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە زىيارەتتە بولدى ھەمدە <<ئەلكۈيى ئېكرانى>>پروگراممىسىغا بىر مەيدان سۆھبەت ئويۇشتۇرۇلدى.

    2011-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كىيىن ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى رايونىمىز ئاخباراتچىلىقىنىڭ سەركىسى بولغان شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن بىرلىشىپ <<كارىز مەدەنىيتى>>ھەققىدە بىر مەيدان زىيارەت پروگراممىسى ئىشلىدى،بۇ مەيدان زىيارەت ئەھۋالى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئىككىنجى قانىلى <<كۆڭۈلدىكى سۆز >>پروگراممىسى سۈرەتكە ئېلىش زالىدا ئېلىپ بېرىلدى ھەمدە زىيارەت ئەھۋالى تور - تېلىۋىزىيە ئارقىلىق بىۋاستە تارقىتىلىش قارار قىلىندى.

    2011-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى FM107.4 سەنئەت رادىيوسى بىلەن سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى بىرلىشىپ <<سابادا شادلىق مىنۇتلىرى>>ئاڭلىغۇچىلار بىلەن جەم بولۇش نەق مەيداندىن ئاڭلىتىش پروگراممىسى ئۆتكۈزدى.ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى(ئەلكۈيى تورى) شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىشى بىلەن بۇ قېتىملىق نەق مەيدان ئاڭلىتىشنى توردا بىۋاستە تارقاتتى شۇنداقلا پائالىيەت ئەھۋالى توغرىسىدا مەخسۇس بىر قېتىملىق <<ئەلكۈيى ئېكرانى>>سۆھبەت زىيارىتى ئىشلەپ كەڭ تورداشلارغا سۇندى.

    2011-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەل سۆيگەن ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىم باشچىلىقىدا قورۇلغان <<سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى>>دە ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ياشلارغا بىر مەيدان لىكسىيە سۆزلەش پائالىيتى ئېلىپ باردى،ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بۇ پائالىيەتكە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ،لىكسىيە ئەھۋالى شۇنداقلا ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن،ئەل سۆيگەن ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىملەر بىلەن <<ئەلكۈيى ئېكرانى>>ئارقىلىق بىر مەيدان زىيارەت ئورۇنلاشتۇرۇپ،كەڭ تورداشلارغا سوۋغات سۈپىتىدە ئېلان قىلدى.

    2011-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى يىتىشۋاتقان ياش ناخشىچى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ تۇنجى ناخشا پىلاستىنكىسى <<باشلامدۇق؟!>> MTV ۋە CDنۇسخىسى نەشىر قىلىپ تارقىتىلدى،بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەلكۈيى تورى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ ئىجادىي ھاياتى ۋە ناخشا پىلاستىنكىسى ھەققىدە ئەلكۈيى ئېكرانىدا بىر مەيدان زىيارەت ئۆتكۈزۈلدى. 

    2011-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى يىتىشۋاتقان ياش ناخشىچى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ تۇنجى ناخشا پىلاستىنكىسى <<باشلامدۇق؟!>> MTV ۋە CDنۇسخىسى نەشىر قىلىپ تارقىتىلدى،بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەلكۈيى تورى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ ئىجادىي ھاياتى ۋە ناخشا پىلاستىنكىسى ھەققىدە ئەلكۈيى ئېكرانىدا بىر مەيدان زىيارەت ئۆتكۈزۈلدى. 

    2011-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 2011-يىللىق ئالىي مەكتەپ ماتىماتىكا ئىمتىھانىدا 150 نومۇر،تولۇق نومۇردا 711 نومۇرغا ئېرىشكەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئەلىيۇلئەلاسى پەخرىيە ئەشرەپ ئەلكۈيى شىركىتىمىزگە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى ۋە ئەلكۈيى ئېكرانى ئارقىلىق بىر مەيدان كەڭ - كۇشادە سۆھبەت ئويۇشتۇرۇلۇپ،توردا ئېلان قىلىندى.

    2011-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاپتونۇم رايونىمىزدا مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان <<2011-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانى>>باشلاندى،بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىركىتىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن 7-ئىيۇن تورىمىزنىڭ خادىملىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئىمتىھان نوقتىلىرىغا بېرىپ ئىمتىھان بىرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە شۇ يەردىكى بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن <<ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەق مەيدانى ئەلكۈيى ئېكرانى زىيارىتى>>ئىشلەپ شۇ كۈنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى.

     2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ياش ناخشىچىلاردىن مۇراتجان مۇختەر،ئابلاجان ئاۋۇت،ھەزرىتىئەلى مۇھەممەتتۇرسۇن ۋە ئابلىكىم،ئەخمەت،مۇيەسسەر قاتارلىق بىر قىسىم ئارتىسلار بىلەن <<ئەلكۈيى ئىكرانى>>دا ئىجادىيەت ۋە ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى توغرىسىدا بىر قېتىملىق ئالاھىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى.

     2011-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە ئەلكۈيى تورى يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم ۋە يەكەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن يەكەندە ئېچىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك <<دوپپا مەدەنىيتى>>ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى نوپۇزلۇق زىيالىيلارنى ئاساس قىلغان ھالدا بىر قېتىملىق <<دوپپا مەدەنىيتى>>ئەلكۈيى ئېكرانى مەخسۇس زىيارەت فىلىمى ئىشلەپ كەڭ تورداشلارغا سوۋغات سۈپىتىدە ئېلىپ كەلدى.

      2011-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ھۆرىيەت كىنو تېلىۋىزىيە ئىشلەش شىركىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا 15كۈنگە يېقىن سۈرەتكە ئېلىنغان ئەلكۈيى تورىنىڭ تېلىۋىزىيە ئېلانى رەسمىي پۈتۈپ ئېلان قىلىندى.

    2011-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەلكۈيى شىركىتى ئىشخانا بىناسى ئەسلىدىكى ئورنىدىن يۆتكىلىپ،جەنۇبىي شىنخۇا يولى 845-نومۇرغا جايلاشقان گۇاڭخۇي سودا سارىيىنىڭ 13-قەۋىتىگە ئورۇنلاشتى ھەمدە يېڭى ئىشخانىدا بارلىق خىزمەتچىلەر جۇشقۇن روھتا خىزمەتكە چۈشتى.

    2011-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەلكۈيى تورى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھەببەت تېمىسىدىكى كومىدىيەلىك دراما «ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى يوق؟» نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە بۇ يىغىندا مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى كامىل تۇرسۇن شۇنداقلا سەنئەت يۇرتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ۋە تالانتلىق ئارتىسلار بىلەن ئەلكۈيى ئىكرانىدا ئۇيغۇر دراما سەنئىتى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

    2011-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەلكۈيى تورى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھەببەت تېمىسىدىكى كومىدىيەلىك دراما «ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى يوق؟» نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە بۇ يىغىندا مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى كامىل تۇرسۇن شۇنداقلا سەنئەت يۇرتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ۋە تالانتلىق ئارتىسلار بىلەن ئەلكۈيى ئىكرانىدا ئۇيغۇر دراما سەنئىتى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

   2011-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەلكۈيى تورى <<مىھرىبان ئانىلار>>كوللىكتىپى قورۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىق كاتتا مەرىكىسىنى تەبرىكەش پائالىيتىگە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ،<<ئەلكۈيى ئىكرانى>>ئارقىلىق بۇ پائالىيەتنى كەڭ تورداشلارغا خەۋەر قىلدى.ھەمدە مىجىت ناسىر،ماينۇر قاسىم،رەيھان قاسىم،ھۇشۇر ئىسلام،دىلنار ئابدۇللا،مۇنىرە غۇپۇر،شەمسىيە ئەبەيدۇللا،سەنۇبەر تۇرسۇن، ھەسەنجان ئابدۇراخمان قاتارلىق كىشىلەر بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۇيۇشتۇردى.

  2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى CCTVئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق بىرلەشمە سەنئەت كىچىلىكىگە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن مەشرەپ ناخشىسىنى ئوقۇش شەرىپىگە ئىرىشكەن ئەل سۆيگەن ئوغلان ئابدۇللا ئابدۇرېھىم سەھنىگە چىقىشقا بىر سائەت قالغان دەقىقىلەردە ئەلكۈيى تورى تېلىفۇن ئارقىلىق ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنى زىيارەت قىلدى ھەمدە بۇ تەپسىلاتلارنى ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق تورداشلارغا سۇندى.

  2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن <<نورۇزنى ئەمەلىي ھەركىتىمىز بىلەن كۈتىۋالايلى! >>تېمىسىدىكى <<ئەلكۈيى تورى نورۇزلۇق مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنى باھالاش پائالىيتى>>ئۆتكۈزۈلدى.باھالىغۇچىلارغا رايۇنىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچىلاردىن ئەخمەتجان خۇما،تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار،چىمەنگۈل ئاۋۇتلار ئالاھىدە تەكلىب قىلىندى.

       2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەلكۈيى تورى ئەرلەر كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتىكى كۆرىنەرلىك ئورۇن <<بوغدا دوختۇرخانىسى>>بىلەن ئېلان - ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ،بوغدا ئېلانى ئەلكۈيى تور بېكىتىگە چىقىرىلدى

    2010-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەلكۈيى تورى ھەجۋىي رەسىم سىزىش ماھارىتى بىلەن خەلقىمىزگە تونۇلغان ياش رەسسام ئادىلجان ئابلىزنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەجۋىي رەسىم كۆزگەزمىسىگە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ھەجۋىي رەسىم ۋە بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى تورداشلارغا كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلدى.

  2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەلكۈيى تورى  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال ئەپەندىنىڭ رىژىسسورلىقىدىكى <<جانان كوچىسىدىكى ئىشلار>>ناملىق دراممىنىڭ تۇنجى مەيدان ئوينىلىشى مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە بۇ ھەقتە <<ئەلكۈيى ئىكرانى>>سەھىپىسىدە مەخسۇس زىيارەت ئىشلىدى.

  2010-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى <<ئەلكۈيى ئىكرانى>>سەھىپىمىز رايۇنىمىزدا يېڭىدىن قۇرۇلغان ،داڭلىق سەنئەتكارلاردىن تەشكىل تاپقان <<كارۋان تىياتىر كۇلۇبى>>بىلەن ئېلان - ھەمكارلىق مۇناسىۋېتى ئورنىتىپ،ئەلكۈيى ئىكرانى ئارقىلىق كارۋان كۇلۇبى تەشۋىق قىلىندى.

  2010-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەلكۈيى تورى بىۋاستە باشقۇرىشىدىكى <<ئەلكۈيى ئىكرانى >>سەھىپىسى رەسمىي ھالدا ئېلان قىلىندى ھەمدە تۇنجى قېتىملىق سۆھبەتتە مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى 2010-يىللىق ئېنگلىزتىلىدا نوتۇق سۆزلەش ۋە تالانت مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى ئۈمىد ھاجى بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى.

  2010-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ھۆرىيەت كىنو تېلىۋىزىيە شىركىتى ئىشلەپ بازارغا سالماقچى بولغان،ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئاساس قىلغان چوڭ تىپتىكى تېلىۋىزىيە تىياتىرى <<مىليون گۈل>>فىلىمىنىڭ ئاساسلىق ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە ھۆرىيەت شىركىتى بىلەن ئېلان توختامى ئىمزالاپ ،مىليون گۈل ناملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرىنىڭ توردىكى تەشۋىقاتىنى باشلىدى.
 

  2010-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئىلىم -پەن ئۇچۇر ئىنىستىتوتى بىلەن ئېلان ھەمكارلىق توختامى ئىمزالاپ،بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانىنى ئەلكۈيى تورىدا ئېلان قىلدى.

  2010-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى دۇنيادىكى 10 چوڭ كارخانىنىڭ بىرى،دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ،ئەڭ نوپۇزلۇق كارخانا،ئۇچۇر-ئالاقە ساھەسىدىكى ماگنات بولغان <جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گوروھى>شىنجاڭ شىركىتى بىلەن ئېلان - ھەمكارلىق توختامى ئىمزالاپ، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئېلانىنى ئەلكۈيى تورىغا چىقىرىلدى.ئەلكۈيى تورىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەر ئارىسىدىكى ئوبرازىنى يەنە بىر قېتىم نامايەندە قىلدى.
 

  2010-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەلكۈيى تورى ئوزۇن يىللىق پىلان ھەمدە تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسىدە شىركەتلىشىش يولىغا قاراپ مېڭىپ ئەسلىدىكى ئەلكۈيى تور ئىشخانىسىغا خاتىمە بىرىپ،بىر قانچە ئادەم خىزمەت قىلىدىغان كىچىك خىزمەتخانىدىن تەرەققىي قىلىپ،شىركەت رەسمىيىتىنى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار بىلەن ئەلكۈيى شىركىتىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى ئاۋات يۇلى بېيگوچۈنچىڭ بىناسىنىڭ 18-قەۋىتىگە جايلاشقان،يېڭىدىن بىزەلگەن ئەلكۈيى تور - تېخنىكا شىركىتىنىڭ تۇنجى ئىشخانىسىدا يېڭىچە قەدەم بىلەن تور دۇنياسىغا رەسمىي قەدەم تاشلىدى.

  2010-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەلكۈيى تورىنى بىر كۈندە زىيارەت قىلغان ئادەم سانى 450مىڭدىن ئېشىپ،ئەلكۈيى تورىنى ھەر كۈنى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 450مىڭ ئادەم زىيارەت قىلىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈردى.
 

  2010-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەلكۈيى تورى بىۋاستە باشقۇرىشىدىكى <<ئەلكۈيىدە دوستلۇق رادىئوسى>> رەسمىي ھالدا ئاڭلىتىشقا باشلاپ،<<سىرداشلار>>،<،ئۇتۇق بۇيەردە>>،<<غەزىنە>>قاتارلىق سانلار ھەپتىدە ئۈچ ساندىن ئاڭلىتىلىپ ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرگە يېڭىلىق ئېلىپ كەلدى.
 

  2010-يىلى -يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەلكۈيى تورى بېكەت سىستىمىسى قايتىدىن ياسىلىپ،ئەسلىكى aspتىلىدا يېزىپ چىقىلغان بارلىق بېكەت سىستىمىسى ئورنىغا يېڭىدىن ئۆزىمىز بىر قول يېزىپ چىققان ئەڭ يېڭى تېخنىكا قوللىنىلغان،PHPتىلىنى ئاساس قىلغان چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال بەت سىستىمىسى رەسمىي ھالدا ئېلان قىلىندى.

  2009-يىلى ئەلكۈيى تورى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەلكۈيى تورى قۇتلۇق 3يىللىق تەرەققىياتنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ،كۈنىگە 200مىڭدىن ئارتۇق ئادەم زىيارەت قىلىش رىكورتىنى يارىتىپ ئەلكۈيى تورىدىكى بىر يۈكسىلىش بارلىققا كەلدى.
 

  2009-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەلكۈيى تورى رايۇنىمىزدا تور قامال قىلىنغاندىن كىيىن،قايتىدىن ئېچىۋېتىلدى،3يىللىق سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە مۇنازىرە مۇنبىرى سىستىمىسى سىرتقى تور ئۇلانماسلىق سەۋەبىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمىغانلىقتىن،يېڭى سانلىق مەلۇمات بىلەن تور دۇنياسىغا ئېچىۋېتىلىپ،شىنجاڭدا تور قامال قىلىنغاندىن كىيىن ئېچىۋېتىلگەن تۇنجى تور بېكەتلەرنىڭ بىرى بولدى.
 

  2008–يىلى ئۆكتەبىردە ئەلكۈيى تورى رايۇنىمىزدىكى ۋە جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر سېپىدىكى نۇپۇزلۇق ژورنال "جۇڭگۇ مىللەتلىرى"ژورنىلى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ ، ئەلكۈيى تورى ۋە "جۇڭگۇ مىللەتلىرى"ژورنىلىدا ئۆز – ئارا ھەمكارلىق ئېلانى قۇيۇشنى رەسمىي كىلىشتى.

  2008-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى يەنى ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 2يىل بولغان قۇتلۇق كۈنىدە ئاق قان كىسىلى بىلەن شىنجاڭ تىببى ئۇنىۋېرېستېت دۇختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان تۇرپانلىق سىڭلىمىز سۈبھىنۇرنى بېكەت باشلىقى ئۈمىدۋار ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئەلكۈيى ئەزالىرى يوقلاپ چىقىپ ، ئەلكۈيى تورى نامىدا 3700يۈەن نەق پۇل ۋە مەنىۋى ياردەم بىرىلدى ،ھەمدە سۈبھىنۇرغا بولغان تەشۋىقات ئەلكۈيىدە يەنىمۇ كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىندى.
 

   2007- يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى "ئەلكۈيى تورى" بىۋاستە باشقۇرىشىدىكى چىمەنزار سەنئەت تورى رەسمى ئېلان قىلىندى.

   2007–يىلى 11–ئاينىڭ 7–كۈنى ئەلكۈيى تورىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ساخاۋەتلىك ئەزالىرى ھەم ئەلكۈيى تور مەسئۇللىرى ئۈرۈمچىدە يىغىلىپ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ 1-ﺩﯗﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﯞﻩ3-ﺩﯗﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ، ﺗﻮﺭ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺕ ﺗﯩﻠﻪﭖ ﺗﯩﻤﺎ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﮬﺎﻝ ﺳﻮﺭﯨﺪى ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ بەردى.

   2007–يىلى 9–ئاينىڭ 10–كۈنى ئەلكۈيى تورىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەزالىرى ئۈرۈمچىدە يىغىلىش ئارقىلىق ، بېكەت باشلىقىنىڭ يىتەكچىلىكىدە سانجى شەھىرىگە بېرىپ ﺑﯚﺭﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﭼﺎﺗﺎﻕ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﻣﻪﯞﻻﻧﺠﺎﻧﻨﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ھەم ئۇنىڭ ئائىسىدىكىلەرگە روھىي مەدەت بىرىش بىلەن بىرگە ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ئەلكۈيى تورى ئەزالىرى نامىدا 3000يۈەن نەق پۇل ئىئانە قىلىندى.

  2007- يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەلكۈيى ئۇنىۋېرسال تورى باش بېتى مىللىيچە ئالاھىدىلىكنى ئاساس قىلغان شەكىلدە لايىھەلىنىپ، ئومۇمىي يۈزلۈك يېڭىلىنىپ AL2.0 نەشىرىگە يېڭىلاندى.


   2006–يىلى 10–ئاينىڭ 20–كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك ئەلكۈيى تورى مۇھاكىمە يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى ھەمدە ئەلكۈيى تورىنىڭ 50كە يېقىن ئەزالىرى بۇ يېغىنغا قاتنىشىپ ئەلكۈيىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىياتى توغرىلىق ئۆز پىكىر – بايانلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويدى.
 

  2006- يىلى 10-ئاينىڭ 1- كۈنى ئەلكۈيى تورى مۇنازىرە مۇنبىرى قۇرۇلدى ۋە رەسمى ھالدا ئېلان قىلىندى.

2006- يىلى 9– ئاينىڭ 15 – كۈنى ئىككى ئايغا يېقىن لايىھە ۋە ياساش بىلەن تەلتۈكۈس پۈتكەن ئەلكۈيى تور بېكىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۇيغۇر تور دۇنياسىغا رەسمىي ئېلان قىلىندى ۋە قۇرۇلدى .

 

 ئەلكۈيى تور – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
爱酷艺网络科技有限公司
 شىركەت ئادرېسى:ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نومۇرى: 3222515-0991 8555525-0991

Copyright © 2006 - 2011 Tencent. All Rights Reserved. 爱酷艺公司 版权所有