|
ﺋﻪﻟﻜﯜﻳﻰ ﺗﻮﺭﯨﻤﯩﺰ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﯜﮔﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ
ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ . ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺭ
ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍﺳﻰ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺟﺎﭘﺎﻻﺭﻧﻰ ﯞﻩ
ﺋﻪﮔﺮﻯ ﺗﻮﻗﺎﻱ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯘﻕ ﯞﻩ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ "
ﺋﻪﻟﻜﯜﻳﻰ " ﺗﻮﺭﯨﻤﯩﺰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯜﻧﺴﯩﺮﻯ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ،
ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺋﻪﯓ ﺳﻪﺭﺧﯩﻞ ﯞﻩ ﻗﺎﺑﯩﻞ ﺑﯩﺮ
ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﭙﻘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻡ ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﭗ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﻯ
ﺋﻪﻟﻜﯜﻳﻰ ﺗﻮﺭﯨﻤﯩﺰ
ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻴﺘﻤﺎﻱ
ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰﻛﻰ : ﺋﻪﻟﻜﯜﻳﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ، ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ، ﺋﻪﻟﻜﯜﻳﯩﻨﯩﯔ
ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ، ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﺟﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﻗﺎﻥ ﺗﻪﺭ ﺳﯩﯖﺪﯛﺭﮔﻪﻥ
ﺑﺎﺭﭼﻪ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯜﺭ ﯞﻩ ﮬﻪﺷﻘﺎﻟﻼ ﺋﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰ . ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯔ
ﺋﻪﺟﺮﻯ ، ﮬﯩﻤﺎﻳﯩﺴﻰ ، ﻛﻪﯓ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ
ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻼ ﺗﻮﺭﯨﻤﯩﺰ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ
ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺳﯚﻳﯜﭖ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ
ﯞﻩ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯧﮭﺮﻯ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ
ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ!
ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻟﻜﯜﻳﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﻗﺎﻥ ﺗﻪﺭ ﺋﺎﻗﻘﯘﺯﻏﺎﻥ
ﺋﻪﻟﻜﯜﻳﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ، ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻏﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯩﺰﮔﻪ
ﻳﯧﻘﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻏﺎ ﺋﻪﻟﻜﯜﻳﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ
ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯜﺭ ﺋﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰ . ﺋﻪﺟﺮﯨﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﮔﯜﻝ ﺋﯜﻧﮕﻪﻱ!!
ئەلكۈيى ئۇيغۇر تورى قۇرۇلۇپ
قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ، كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ
كۆرۈشىگە ۋە قىزىقىپ زىيارەت قىلىشىغا ئېرىشكەن بايراقدار
تورلارنىڭ بىرى .ئەلكۈيى تورى ئاساسىي زىيارەت قىلغۇچىلىرى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى ھەر قايسى شەھەر-ناھىيەلەردە
تۇرۇشلۇق تورغا چىققۇچىلار بولۇپ، چەتئەل ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن
زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ سانى ، ئومۇمىي زىيارەت سانىنىڭ %7 ىنى
ئىگەللەيدۇ . ئەلكۈيى تورى ئاساسلىق باش بەت ، مۇنبەر ، تور
ئويۇنى ، توردىن ناخشا چۈشۈرۈش ، ناخشا-مۇزىكا ، توردىن ئىزدەش ،
،ئۇچۇر ئامبىرى ،كىنو
، .ئېلان-ئۇچۇر ... قاتارلىق قاناللارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇيغۇر
قېرىنداشلار ئۈچۈن ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ .
ئەلكۈيى تورى مۇنازىرە مۇنبىرى يولغا
قويۇلغاندىن كېيىن ، ئەلكۈيى تور تەرەققىياتىدا تېخىمۇ قولايلىق
بولغان تور سورۇنى ھازىرلاندى . ئەلكۈيى مۇنبىرىگە - دەۋر
رېتىملىرى، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى ، تەنتەربىيە ، ئەلكۈيى
ئەدەبىياتى ، ئەلكۈيى مەرىپەت گۈلزارى ، ئىقتىسادىي ئۇچۇرلار ،
تۇرمۇش يېتەكچىسى ... قاتارلىق كۆپ تەرەپلىملىك سەھىپىلەر
قوشۇلۇش ئارقىلىق ، ئەلكۈيى تور تەرەققىياتىدا زور بۆسۈشلەر ۋە
نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى . ئەلكۈيى ئۇيغۇر تورى ئۈمىدۋار خىزمەت
تەتقىقات گۇرۇپپىسى ، ئەڭ ئىلغار تېخنىكا ، ئەڭ سۈپەتلىك لاھىيە
ئىشلەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ ، تورغا چىققۇچىلارنىڭ قىزىقىشى ۋە
ئېھتىياجىنى ، ئۇيغۇر تورىدا كېرەكلىك ماتىرىياللارنىڭ
ئىشلىتىلىشىنى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇپ كەلدى . توختىماي ئىزدىنىش
نەتىجىسىدە ، ئەلكۈيى تورى - چوڭلار ، ئوتتۇرا ياشلىقلار شۇنداقلا
ياش-ئۆسمۈرلەرمۇ قىزىقىپ كۆرىدىغان ، زىيارەت سانى ۋە ئەزالىرى
بىر قەدەر كۆپ بولغان ئۇيغۇر تور بېكىتىگە ئايلاندى .
ئەلكۈيى تورى - ئۇيغۇر تورىدىكى چوڭ مەيدان ،
تەشۋىقات ۋە ئۇچۇر ئالاقىدىكى كۆۋرۈك ! سىز ۋە بىزنىڭ
ئارزۇ-ئارمىنىمىز دەل ئەلكۈيى تورىدا ئەمەلگە ئاشقۇسى !
ئىشىنىمىزكى ، ئەلكۈيى ئۇيغۇر تورى خىزمەت تەتقىقات گۇرۇپپىسى
بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا
تېخىمۇ يېڭى ھەم نادىر بولغان ئەسەرلىرىنى سوۋغا قىلغۇسى !
ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ
ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﻪﻟﻜﯜﻳﯩﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﻛﯜﻳﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ
ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﻳﯩﯖﯩﭽﻪ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ !
ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ
ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﯩﯖﯩﺰ ،ﺋﻪﻟﻜﯜﻳﻰ ﺗﻮﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﻣﯩﺪﯨﺪﯗﺭ !

|