|
«شىنجاڭ ئىلىم-پەن ئۇچۇر ئىنىستىتۇتى»نىڭ ئەسلى نامى «شىنجاڭ
ئۇنىۋېرسىتېتى تەربىيىلەش ئىنىستىتۇتى» بولۇپ، -1992يىلى -7ئايدا
قۇرۇلغان، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن
-2004يىلى -12ئاينىڭ -18كۈنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا مەكتەپ نامى «شىنجاڭ
ئىلىم-پەن ئۇچۇر ئىنىستىتۇتى»غا ئۆزگەرتىلدى. مەكتىپىمىز ئۈرۈمچى
شەھىرىنىڭ ئاۋات يېرىگە جايلاشقان بولۇپ، شىمال تەرىپى شىنجاڭ
ئۇنىۋېرسىتېتى، جەنۇب تەرىپى سۇ ئۈستى باغچىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.
ئىنىستىتۇتىمىزنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى يۇقىرى، قىزىق نۇقتا كەسىپلىرى
ئېچىلغان، ئوقۇتۇش كۆلىمى چوڭ بولغان ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان
بېرىشنىڭ تولۇق كۇرس (بېنكې) ئوقۇتۇشىنى ئاساس قىلىدىغان ئالىي مەكتەپ.
نۆۋەتتە ئىنىستىتۇتىمىزدا پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ
ئىمتىھان بېرىشنىڭ تولۇق كۇرس (بېنكې)، مەخسۇس كۇرس (داجۈەن)
سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ۋە شىنجاڭنىڭ ھەر
قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 8000 غا يېقىن ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتىدۇ.
مەملىكەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىكى ۋە خەلق ئىشلار مىنىستىرلىكى
تەرىپىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا «مەملىكەت بويىچە ئوقۇشقا ياردەم
بېرىشتىكى ئۈلگىلىك ئورۇن» ۋە «مەملىكەت بويىچە ئىناۋەت قۇرۇلۇشىدىكى
ئىلغار ئورۇن» دېگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.
ئىنىستىتۇتىمىزنىڭ دىپلومىنى دۆلەت ئېتىراپ قىلىدۇ، خەلقئارادا
ئىشلىتىشكە بولىدۇ، مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تور بېتىدە ئەنگە
ئېلىنغان، تەكشۈرۈشكە بولىدۇ
ئىنىستىتۇتىمىز
ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە بولۇپ، بۇ يەردە سىز ئۆز بىلىمىڭىزنى
مۇكەممەللەشتۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز، سىز بۇ يەردە جەمئىيەتتە پۇت
دەسسەپ تۇرالايدىغان ئىقتىدارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىسىز، سىز بۇ يەردە
ئۆزىڭىزنى نامايەن قىلىپ كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سالالايسىز.
شىنجاڭ ئىلىم-پەن ئۇچۇر ئىنىستىتۇتى غايىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ
ياخشى تاللىشىڭىز. شىنجاڭ ئىلىم-پەن ئۇچۇر ئىنىستىتۇتى شىنجاڭنىڭ ھەر
قايسى جايلىرىدىكى ئىرادىلىك ياشلارنىڭ كېلىپ ئوقۇشىنى سەمىمىي قارشى
ئالىدۇ.
 |