ئېلاننى توختاتماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكىئورۇندىن توختىتىڭ  
   
     
   
     
   
     
   
  <<قايدۇ>>ماركىسىنىڭ ياراتقۇچىسى ياسىنجان توختى  
 
 
بىز ھەققىدە
 
كەڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ زاۋۇتىمىزغا كېلىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلىشىنى،مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بېقىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز
 
 

قايدۇ شىركىتى 2002- يىلى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە،ئۆز رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى يىغىپ – سېتىش بىلەن ئىشقا كىرىشكەن بولۇپ،2005-يىلى رەسمىي زاۋۇت قىلىپ قۇرۇلۇپ،مەھسۇلات پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان .زاۋۇت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە قىزىلمۇچ قىيامى ،پەمىدۇر قىيامى ۋە قورۇما تېتىتقۇسى قاتارلىق بىرقانچە خىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالغان .بۇ مەھسۇلاتلار كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىغا ئېرىشكەن شۇنىڭ بىلەن بازار تاپقان قايدۇ زاۋۇتىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى ئاشقان .يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ تەدىرىجى تەرەققىي قىلىپ خام ماتىرىياللارنى تەييەرلاش سېخى، ئىشلەپچىقىرىش سېخى، قاچىلاش سېخى ، ماركا چاپلاش سېخى،سېتىش بۆلۈمى قاتارلىقلار تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ،سېستىمىلاشقان فۇنكىسىيىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئورنى بولغان .2008 – يىلىغا كەلگەندە رەسمىي ‹‹ قايدۇ ›› ماركىسنى ئەنگە ئېلىپ ، قۇتىلىق ۋە قاپلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغان.بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش دائىرىسى شىنجاڭنىڭ كورلا، كۇچا ، ئاقسۇ، قەشقەر، مارالبېشى ، خوتەن ، قۇمۇل ، غۇلجا ، بۆرتالا قاتارلىق ھەرقايسى جايلىرىغىچە كېڭىيىپ بازار تاپقان ھەمدە يىللىق ئوتتۇرىچە ئىقتىسادىي كىرىمى 100000يۈەندىن ئاشقان .

 ھازىر بۇ شىركەتتە 123 نەپەر ئىشچى خىزمەتچى بار بولۇپ ، كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىشتا دۆلەتنىڭ يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت – كارخانىلارغا قويغان ئۆلچەملىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ ، تازىلىق ، سۈپەت نازارەتچىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ھەربىر كىچىك ھالقىلارغىچە كۆڭۈل قويۇپ، ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەپ مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، ئىشچى خىزمەتچىلەرنى قەرەرلىك تەربىيىلەپ ھەمدە مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈردى.

 قاراشەھەر ياسىنجان قايدۇ شىركىتى ئەڭ دەسلەپكى 220 كىۋادىرات مېتىرلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ سېتىش ئورنىدىن تەرەققىي قىلىپ ، مانا بۈگۈنكى ئۈچ سېخ ، بەش ئامبارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4676 كۇۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرالايدىغان شىركەتكە ئايلىنىپ ، يىللىق خام ئەشىيا كىرگۈزۈش مىقدارى 50000مىڭ توننىدىن ئېشىپ ، مەھسۇلاات تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ ، قىزىلمۇچ قىيامى ، پەمىدۇر قىيامى ، توخو قورۇمىسى تېتىتقۇسى ، قىيما تېتىتقۇسى ، قورۇما تېتىتقۇسى ، زىرە ، ئاقمۇچ، قارىمۇچ ، قىزىلمۇچ تالقىنى ، چامغۇر قىيامى ، ياغمۇچ تەييارلانمىسى،پننە  قاتارلىق 26 تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئالدىغا مۇستەققىل پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىپ بازار ئېھتىياجىنى تەمىنلەيدىغان كارخانىغا ئايلاندى .

   نۆۋەتتە قاراشەھەر ياسىنجان ‹‹ قايدۇ ›› يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىپ چىقىرىلىش دائىرىسى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى شەھەر بازارلىرىدىن ھالقىپ لەنجۇ، تىيەنجىن ، بېيجىڭ ، شاڭخەي قاترلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى رايونلاردا بازار تېپىپ ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايدى جايلىرىغىچە كېڭىيىپ ، يىللىق ئىقتىسادىي كىرىمى 500000 يۈەندىن ئاشتى .

سىز قايدۇ يۈرۈشلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكىنىڭىزدە بىر تۈركۈم ئەمگەكچان ، تىرىشچان قايدۇ شىركىتى ئىشچى – خىزمەتچىللىرىنىڭ ئۆز ئەجىرى بىلەن ياراتقان مېھنەتلىرىنىڭ كەڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزگەنلىكىنى ، بازار ئېھتىياجىنى تەمىنلىگەنلىكىنى، جەمئئىيىتىمىزگە بەلگۈلۈك ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقانلىقىنى؛ ئۆزىمۇ كۈلگەن ، دېھقانلارنىمۇ خوشل قىلىپ كۈلدۈرگەن ، سۈپەتلىك ،تەملىك،يېيىشلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن كەڭ ئىستىمالچىلارنىمۇ رازى قىلىپ كۈلدۈرگەن ‹‹ قايدۇ›› روھىنىڭ نەتىجىللىرىنى ئۇنۇتماڭ.

 

زاۋۇتىمىز ئالاقىلىشىش ئادىرسى: شىنجاڭ بايىنغولىم موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاراشەھەر ناھىيىسى

بەش ئۆستەڭ يېزىسى تۆت ئېرىق كەنتى------焉耆县五号渠乡四号渠村

ئالاقىلىشىش تېلفۇن نۇمۇرى:   6018869-0996

فاكس يوللاش،قوبۇل قىلىش نومۇرى:    6018769-0996

 

 

 
     
   
  زاۋۇت قۇرغۇچىسى ياسىنجان توختى ئابلەت ئابدۇرېشىت بىلەن بىرگە  
   
  ياسىنجان توختى ئوقۇتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار  
   
  زاۋۇت قۇرغۇچىسى ياسىنجان توختى ئابلەت ئابدۇرېشىت بىلەن بىرگە  
   
     
   
  ياسىنجان توختى ئېرىشكەن شان-شەرەپلەر  
   
  تەرەققىيات جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر  
   
  ئوراپ قاچىلاش سېخىدىن كۆرۈنۈش  
   
  مەھسۇلاتلىرىمىزدىن كۆرۈنۈش  
   
  تەجبىرىبىخانىمىزدىن كۆرۈنۈش  
   
  مەھسۇلات ئەۋرىشكىلىرى  
   
  زاۋۇتىمىز تىجارەت كىنىشكىسى  
   
  زاۋۇتىمىزنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىش ئىجازەتنامىسى  
   
  شەرەپ گۇۋاھنامىلىرى  
   
  بايىنغولىن ئوبلاستى بويىچە ئىلغار كوللىكتىپ ئەزاسى  
   
   
   
   
   
     
 
   
 
زاۋۇتىمىزنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋاكالەتچىلىرى ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى
مال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق رايوننىڭ ۋاكالەتچىسى بىلەن ئالاقىلىشىڭ
   
 
  تېلفۇن   ئالاقىلاشقۇچى   تۇرۇشلۇق ئورنى  
  13579023319   ئەمەتجان   كورلا  
  13139963221   مەمەت قارى   بۈگۈر  
  13345357510   روزى قارى   كۇچا  
  13899288303   تۇرغۇنجان   باي  
  13369887475   باراتجان   ئاقسۇ  
  13779794461   ئالىمجان   ئاقسۇ  
  13565386777   يۈسۈپجان   مارالبېشى  
  13565382281   ئابدۇراخمان   قەشقەر  
  13779799444   ئابدۇكېرەمجان   يەكەن  
  0998-7961115   ئابدۇراخمان   مەكىت  
  15599876374   ئېلىجان   پوسكام  
  13070088038   يۈسۈپجان   خوتەن  
  13899479515   ئابلىمىت ھاجى   گۇما  
  13579357339   ئەمەتجان   ئۈچتۇرپان  
  15292552344   ئەمەتجان   ئاۋات  
  13899030377   ئەيساجان   چەچەن  
  18909964658   مەمتىمىنجان   چاقىلىق  
  0997-8332809   ئىبراھىمجان   شايا  
  13199957311   ئىكرام   توقسۇن  
  18999888435   نۇرمەمەتجان   ئۈرۈمچى  
  13909959141   كامىران   تۇرپان  
  15299316233   ئابدۇخالىق داموللام   پىچان  
  0999-4250462   شەۋكەتجان   غۇلجا  
  13779339242   ھەسەنجان   قاراشەھەر  
  13565089284   مېھرىگۈل   خېجىڭ  
  15099599271   مەخمۇتجان   ئۈرۈمچى  
             
   
 
 
يىرىك ۋە ئۇۋاق ھالەتتىكى توخۇ قورۇمىسى تېتىتقۇسى مايلىق توخۇ قورۇمىسى تېتىتقۇسى
باھاسى:2.5يۈەن باھاسى:2.5يۈەن
ئالاھىدە تەييارلانغان مەھسۇلات
ياسىنجان لەززەت ياغمۇچى
ئاچچىق چۈچۈك بېلىق قورۇمىسى تېتىتقۇسى
باھاسى:7.2يۈەن باھاسى:6يۈەن
 400گراملىق پەمىدۇر قىيامى  400گراملىق قىزىلمۇچ قىيامى
باھاسى:5.5يۈەن باھاسى:5.5يۈەن
ئالاھىدە ئىشلەنگەن پىننە(يۇمغاقسۈت،ئاشكۆكى) ئۆپكە ياشارتىش چامغۇر قىيامى
باھاسى:2.5يۈەن باھاسى:15يۈەن
قارامۇچ قىيمىلىق تائام تېتىتقۇسى
باھاسى:2.5يۈەن باھاسى:15يۈەن
قارامۇچ قىيمىلىق تائام تېتىتقۇسى
باھاسى:2يۈەن باھاسى:1.8يۈەن
قىزىلمۇچ قورۇما تېتىتقۇسى
باھاسى:1يۈەن باھاسى:1.8يۈەن
زىرە 3كلوگراملىق قىزىلمۇچ قىيامى
باھاسى:1.8يۈەن باھاسى:28يۈەن
3كلوگراملىق پەمىدۇر قىيامى 3كلوگراملىق قىزىلمۇچ قىيامى
باھاسى:30يۈەن باھاسى:28يۈەن
850گراملىق پەمىدۇر قىيامى 850گراملىق قىزىلمۇچ قىيامى
باھاسى:8.5يۈەن باھاسى:9.5يۈەن
280گراملىق ياغمۇچ قوتاز گۆشى تەملىك ياغمۇچ
باھاسى:10يۈەن باھاسى:22يۈەن
ئاچچىق چۈچۈك ماي مور
باھاسى:12يۈەن باھاسى:5يۈەن
ياغمۇچ تەييارلىمىسى تۈگمەن قىزىلمۇچ ئۇنى
باھاسى:1.8يۈەن باھاسى:20يۈەن
قاراشەھەر قىزىلمۇچى سوقۇلغان قىزىلمۇچ(ئۆزگۈل قىزىلمۇچى)
باھاسى:16يۈەن باھاسى:19يۈەن
كاۋاپ قىزىلمۇچى كۈنجۈتلۈك قىزىلمۇچ
باھاسى:17يۈەن باھاسى:18يۈەن
يېڭى مەھسۇلات پات ئارىدا يوللىنىلىدۇ

 

كاۋاۋىچىن يېڭى مەھسۇلات پات ئارىدا يوللىنىلىدۇ
باھاسى:2يۈەن يېڭى مەھسۇلات پات ئارىدا يوللىنىلىدۇ