• بەرنا ساخاۋەت ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ 71مىڭ324يۈەن پۇلنى ئوقۇغۇچىلارغا ئىئانە قىلدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2015-06-02 02:10
  • بەرنا ساخاۋەت ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ 71مىڭ324يۈەن پۇلنى ئوقۇغۇچىلارغا ئىئانە قىلدى


    ئەلكۈيى تورى مەخسۇس خەۋىرى: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 30-،31-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومتېتى،  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياش-ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى ، شىنجاڭ بەرنا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھەمكارلىشىپ،  ئۈرۈمچىدە «چىم چىم بەرنا» 2015-يىللىق خەير-ساخاۋەت ناخشا كېچىلىكىنى ئۆتكۈزدى. ناخشا كېچىلىكىدىن كىرگەن بارلىق كىرىم 71مىڭ 323يۈەن 9مو  شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر فوندى ئارقىلىق پۈتكۈل شىنجاڭدىكى ئوقۇشى ياخشى، ئەدەپ-ئەخلاقلىق ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تارقىتىپ بېرىلدى.

     


    ئەلكۈيى تورى مۇخبىرىنىڭ كېچىلىك نەق مەيدانىدىن ئېگەللىشىچە، بۇ قېىتملىق ناخىشا كېچىلىكى  بۇرۇنقى ناخىشا كېچىلىكلىرىنىڭ ئەنئەنىۋېى شەكلىنى چۆرۈپ تاشلاپ، يېڭىچە ئۇسۇل بىلەن كۆپچىلىككە يېڭى دەۋېر بالىلىرىنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرىنى بەخىش ئەتتى. ئۇنىڭ ئۈسىتگە بۇ قېتىملىق ناخشا كېچىلىكنىڭ ئەزىز مېھانلىرى ناھايتىتى كاتتا بولۇپ، داڭلىق گىتتار شاھزادىسى ئەركىن ئابدۇللا، تەپ ئۇسۇلى پىرى يۈسۈپجان، جوڭگو گۈزەل ئۇسۇل ماھىرى سۈرەت، بەرنانىڭ يېتەكچىسى، جوڭگونىڭ تۈنجى قاراريېڭى ئاۋاز سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئاۋاز يادروسى دەپ نام ئالغان قاڭ يۈچى قاتارلىقلار قاتناشقان.

    بەرنا ئەنۋەر شىجاڭدا تېز سۈرەتتە نام قازانغان ئۆسمۈر چولپان بولۇش سۈپىتى بىلەن، ناخشا ساھاسىگە قەدەم قويشى بىلەنلا ئوماقلىقى ،ساددىلىقى، تەبئىي تۇغما تالانتى بىلەن دۆلەت ئچىدىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىتى.2011-يىلىدىن باشلاپ شىجاڭ شۈنئىي ھەمراھ تىلىۋېىزىيە ئىستانسىدىنىڭ لىنتىغا ئېلىش، پىروگىراممىغا قاتنىشىقا باشلىغاندىن تارتىپ، مەستانىلارنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋەتلىشگە ئېرىشىپ، ھەممەيلەن ياقتۇرىدىغان بالا چولپانغا ئايلاندى.

     

     بۇنىڭدىن باشقا بەرنا بۇ قېتىملىق ناخشا كېچىلىكىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ دۇنيادىكى ئەڭ يېشى  كىچىك ناخشا كىچىلىكى ئۆتكۈزگەن چولپان بولۇپ ھېسابلاندى. بۇقېتىملىق ناخشا كېچىلىكىنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، بەرنا  جوڭگو بويىچە ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشكە ئىلتىماس قىلىپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان« جوڭگودىكى يېشى ئەڭ كىچىك شەخسى ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن چولپان» رىكوتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

     

    بۇ قېتىملىق چوڭ تىپتىكى خەير-ساخاۋەت ناخشا كېچىلىكىدىن كىرگەن بارلىق كىرىم 71مىڭ 323يۈەن 9مو  شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر فوندى ئارقىلىق پۈتكۈل شىنجاڭدىكى ئوقۇشى ياخشى، ئەدەپ-ئەخلاقلىق ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تارقىتىپ بېرىلدى. بۇ قېتىملىق ناخشا كېچىلىكىگە نۇرغۇنلىغان ساخاۋەتچى كىشىلەر قاتناشقان بولۇپ، مۇشۇ سەھنە ئارقىلىق تېىخمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۈمىد قۇرۇلىشى سېپىگە قوشۇلۇپ،مەملىكەتتىكى جۈملىدىن شىنجاڭدىكى قىيىنچىلىقى بار ياش-ئۆسمۈرلەرگە ياردەم قىلىپ، ئۈمىد قۇرۇلىشىنى تېىخىمۇ بېيىتىپ، ئۈمىد قۇرۇلۇشى يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئۈمىد قۇرۇلىشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭدىكى تېىخمۇ كۆپ قىيىنچىلىقى بار ياش-ئۆسمۈرلەرنى ياردەمگە ئېرىشتۈرۈش ئىكەن.(ئەلكۈيى تورى)


    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك