• يىپەك يولى ساداسى چىمپىيونلىرى چولپان نەق مەيداندا پروگراممىسىدا فىلىمى تارقىتىلدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-04-26 12:55
  • يىپەك يولى ساداسى چىمپىيونلىرى چولپان نەق مەيداندا پروگراممىسىدا فىلىمى تارقىتىلدى

     يىپەك يولى ساداسى  چىمپىيونلىرى يۈسۈپجان مىجىت ، كامىل جىلىل،زۇلپىقار مۇھەممەدلەر  ئەلكۈيى تورى ئىشلىگەن ، نازىگۈل تۇرسۇنجان رىياسەتچىلىكىدىكى <<چولپان نەق مەيداندا >> پروگراممىسىدا نەق مەيداندىن توردا بىۋاستە تارقىتىش شەكلىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى، چولپان نەق مەيداندا پروگراممىسىنىڭ قايتىلانما(回放)فىلىمى ئېلان قىلىندى

    ئەسسالامۇئەلەيكوم ھۆرمەتلىك كۆرۈرمەنلەر ، قەدىرلىك تورداشلار ، ئېكران ئالدىدىكى ھەر بىر قېرىندىشىمىزنى تور دۇنياسىدا تېخىمۇ كۆپلىگەن خوشاللىقلارغا ، ئويلاپ باقمىغان يېڭىلىقلارغا ئېرىشتۈرۈش مەقسىتىدە ، ئەلكۈيى تورى يولغا قويغان،   پروگرامما سۈرەتكە ئېلىش جەريانى تور ئارقىلىق نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىلىدىغان ، پروگراممىمىزغا تور ئارقىلىق ھەممەيلەن بىرلىكتە قاتنىشالايدىغان ، ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە  رىياسەتچىلىك ساھەسىدىكى جەزبىدار چولپان ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى نازىگۈل تۇرسۇنجان رىياسەتچىلىكىدىكى   < چولپان نەق مەيداندا> 《明星在直播》پروگراممىسىنىڭ بۇ قېتىملىق يېڭى سانىغا دىيارىمىز مەدەنىيەت- سەنئەت ئىشلىرىدىكى زور يېڭىلىقلارنىڭ بىرى بولغان << يىپەك يولى ساداسى >>پروگراممىسىنىڭ ئۈچ قارارلىق چىمپىيونلىرىدىن 1- قارارلىق يىپەك يولى ساداسى پروگراممىسىنىڭ چىمپىيونى يۈسۈپجان مىجىت ، 2-قارارلىق يىپەك يولى ساداسى پروگراممىسىنىڭ چىمپىيونى كامىل جىلىل ۋە 3-قارارلىق يىپەك يولى ساداسى پروگراممىسىنىڭ چىمپىيونى زۇلپىقار مۇھەممەد قاتارلىقلار تەكلىپ قىلىنىش ئارقىلىق قىززىقارلىق سۆھبەت ، نەق مەيدان تالانت ۋە قابىلىيەتنى ئاساس قىلغان ھالدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈپ ئۇلارنىڭ سەنئەت ھاياتى ،يىپەك يولى ساداسى پروگراممىسىدا چىمپىيون بولغاندىن بورۇنقى ۋە كىيىنكى ھىسياتلىرى ، ئەڭ يېڭى نەق مەيدان ناخشىلىرى ۋە ئۇستازلىرىنىڭ نەق مەيدان يانفۇن زىيارىتى شەكلىدىكى كۆڭۈل سۆزلىرى ھەمدە تورداشلارنىڭ پروگرامما نەق مەيدانىدا سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بىرىش شەكلىدىكى يېڭى سانىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.






    پروگرامما سۈرەتكە ئېلىش نەق مەيدانى خاتىرىسىدىن بىر كۆرۈنۈش


    ئەلكۈيى تورى يولغا قويغان <<چولپان نەق مەيداندا >>پروگراممىسى  ئۇيغۇرچە پروگراممىلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ، نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىشنى ئاساس قىلغان ئالاھىدە كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى پروگرامما بولۇپ ، بۇ پروگرامما  بىر ئايدا ئىككى سان ئىشلىنىپ توردا نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىلىدۇ ؛ ئەدەبىيات - سەنئەت ، تەنتەربىيە ، مائارىپ ، داڭلىق شەخسلەر ، كارخانىلار ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىزگە ئاكتىپ روھىي ھالەت ، ئىلھام - مەدەت بولىدىغان شۇ ئايدىكى يېڭىلىقلارغا ئائىت ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ چولپانلىرى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ، تورداشلار بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ يېڭىلىقلىرى ، نەتىجىلىرى شۇنداقلا ئەڭ چىن سۆزلىرىنى ئورتاقلىشىدىغان پروگرامما بولۇپ ، پروگرامما جەريانى  ئەلكۈيى تورى ، nice بىۋاستە تارقىتىش سۇپىسى ، سىنا مىكرو بلوگى ، ئەلكۈيى يانفۇن ئەپ دىتالى قاتارلىق تور ئالاقە دىتاللىرىدا بىۋاستە تارقىتىلغاندىن سىرت ، بىۋاستە كۆرسىتىشنى نەق مەيداندىن كۆرەلمىگەن قېرىنداشلارنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئەلكۈيى تورى  ، alkuyi tv ئۈندىدار سالونىدا شۇنداقلا  پروگرامما بىلەن توردا تارقىتىشتا ھەمكارلاشقان ھەرقايسى نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردە  ، نوپۇزلۇق سالونلاردا ئەڭ سۈزۈك ھالەتتىكى تولۇق نۇسخىسى تارقىتىلىدۇ .

     

    كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ فىلىمنى ياقتۇرۇپ كۆرۈش بىلەن بىرگە مەنبە ئەسكەرتىلگەن ، مەزمۇن ئۆزگەرتىلمىگەن ئاساستا ھەرقايسى تور بېكەت ، سالون ، بلوگلاردا كەڭرى تارقىتىپ ، ئۆز-ئارا ھەمبەھىرلەپ بۇ ھەقتىكى يېڭىلىقلارغا ئەڭ قانائەتلىنەرلىك جاۋاب ئېلىشىنى  سورايمىز .

     فىلىمنى ئۇلاپ تارقاتقان بارلىق تورداشلارغا ، ھەرقايسى تور بېكەت ، سالون قۇرغۇچىلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز . كىلەركى سان پروگراممىمىزدا كۆرىشەيلى!


    كامالىي ئېھتىرام بىلەن:

    ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

    ئەلكۈيى تور بېكىتى 

    <<چولپان نەق مەيداندا >> فىلىم ئىشلەش بۆلۈمى

    2017-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 


    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك