• ئىككى پالۋانىمىز جۇڭگو بوكىس شاھلىقىدا غەلبە قىلدى،ئەلكۈيى بىۋاستە تارقاتتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-10-05 01:40
  • ئىككى پالۋانىمىز جۇڭگو بوكىس شاھلىقىدا غەلبە قىلدى،ئەلكۈيى بىۋاستە تارقاتتى

    ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش قانىلى مەخسۇس خەۋىرى: 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە  2017-يىللىق «داتاڭ» جۇڭگو بوكس پادىشاھلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى نەننىڭ بېكىتى ئۆتكۈزۈلدى . بۇ يىللىق جۇڭگو بوكىس شاھلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە شىنجاڭ بوكىس كوماندىسىدىن  مۇھەممەت تۇرسۇنچوڭ، ئەخمەد مۇھەممەد، ئابدۇرېھىم مۇھەممەت، قەيسەر تاشمۇھەممەت، توختاربېك، ئايبېن قانات، زەيپۇللا مەمەتتىن ئىبارەت يەتتە بوكسچىمىز قاتنىشىدىغان بولۇپ ، بۈگۈنكى مۇسابىقىگە  شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدىن  ئابدۇرېھىم مۇھەممەد ، قەيسەر تاشمۇھەممەد ، ئەخمەت مەمەت قاتارلىق ئۈچ پالۋان قاتنىشىپ ، ئەھمەد مۇھەممەد بىلەن قەيسەر تاشمۇھەممەد رەقىبلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، تۇنجى قەدەمنى غەلىبىلىك باستى.ئابدۇرېھىم مۇھەممەد ئىلگىرى ئازادلىق ئارمىيە كوماندىسىدىكى ۋۇ يۈفېڭنى يەڭگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ مۇسابىقىدە يېڭىلىپ قالدى.


    ئەلكۈيى تورى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ تولۇق جەريانىنى نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىش شەكلىدە باشتىن - ئاخىرى تولۇق تارقىتىپ، شىنجاڭ بوكىس كوماندىسىدىن خەلقئارا دەرىجىلىك رېپىر ئەكبەر ئىسلام ، ئەلكۈيى تەنتەربىيە قانىلىدىن مۇھەممەدجان مۇھەممەدتۇرسۇن ، رىياسەتچى گۈزەلنۇر تۇرسۇنلار بىلەن بىرلىكتە بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈپ تورداشلارغا نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقاتتى .«داتاڭ» يەر مۈلۈك شىركىتى ئەلكۈيى تورى بىلەن ھەمكارلىشىپ ،  بىۋاستە تارقىتىش پروگراممىسىغا نەق مەيداننىڭ ئەڭ سۈزۈك ، ئەڭ تولۇق بولغان بىۋاستە تارقىتىش سىگنالىنى تەمىنلەپ ، تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭلىق كۆرۈرمەنلەرنىڭ بۇ مۇسابىقىنى كۆرۈشىگە شارائىت يارىتىپ بەردى.


    2017-يىللىق «داتاڭ» جۇڭگو بوكس پادىشاھلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ بوكس، تاكۋاندو تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى، جۇڭگو بوكسچىلار جەمئىيىتى، «جۇڭچۈەن» تەنتەربىيەسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان؛ «داتاڭ» يەر مۈلۈك شىركىتى مۇسابىقە نامىنى سېتىۋېلىپ، مۇسابىقىنى ئىقتىسادىي جەھەتتە كاپالەتكە ئىگە قىلغان. بۇ مۇسابىقىنى بىر يىلغا يېقىن تاللاش، شاللاش ۋە ھەل قىلغۇچ باسقۇچلىرىدىن كېيىن، تيەنجىن، نەننىڭ، شيامېن، خاڭجۇ، گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ شىشۇي ناھىيەسى ۋە جياڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈش بەلگىلەنگەن.



    بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن بىۋاستە كۆرەلمىگەن قېرىنداشلارنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئەلكۈيى تورى بىۋاستە تارقىتىش بۆلۈمى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ نەننىڭ بېكىتىگە ئالاقىدار پۈتۈن مۇسابىقە فىلىمىنىڭ قايتىلانما فىلىمىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سونۇپ ، كىلەر نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان تەنھەركەتچىلىرىمىزگە ئامەت تىلەش بىلەن بىرگە كىلەر نۆۋەتلىك جۇڭگو بوكىس شاھلىقىنى تالىشىش مۇسابىقە بېكىتىنىمۇ ئەلكۈيى تورى بىۋاستە تارقىتىش پروگراممىسىدا داۋاملىق تارقىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئالدىن ئۇچۇر بەردى .


    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك