• مەمەتتۇرسۇن چوڭ 2017جۇڭگو بوكىس شاھى ئالتۇن كەمىرىگە ئېرىشتى(تولۇق فىلىم高清版)

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-12-17 07:40
  • مەمەتتۇرسۇن چوڭ 2017جۇڭگو بوكىس شاھى ئالتۇن كەمىرىگە ئېرىشتى(تولۇق فىلىم高清版)

    ئەلكۈيى تورى بىۋاستە تارقىتىش قانىلى مەخسۇس خەۋىرى:12-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچ ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭگو بوكىس شاھى» مۇسابىقىسى  69 كلوگراملىقلار گۇرۇپپىسىنىڭ  «ئالتۇن كەمەر» تالىشىش  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى گۇاڭشى ئۆلكىسى نەننىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك بوكىس مۇسابىقىسى بولۇش سۈپتى بىلەن،  بۇ قېتىملىق مۇسابىقە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.مۇسابىقىدە شىنجاڭ بوكىس ساھەسىدىكى رىۋايەتلىك شەخس ، مەملىكەت بويىچە 69 كلوگراملىقلار گۇرۇپپىسىدا كۆپ قېتىم ئالتۇن مىدالنى قولغا كەلتۈرگۈچى ، ھاياتىدا  21 قېتىم ، مەملىكەتلىك تەنھەركەت يېغىنىدا ئۈچ قېتىم ئالتۇن مىدال ئالغان پەخىرلىك ئوغلانىمىز ، جۇڭگو بوكىس ساھەسىدىكى تۆھپىكار تەنھەركەتچى ، ئاسىيا چېمپىيونى ، ئولىمپىك ئەزىمىتى مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئالتۇن مېدال ساھىبى مەمەتتۇرسۇن چوڭ بۇ تۈردىكى سابىق چېمپىيون، ئىچكى موڭغۇللۇق ماھىر خۇرچا بىلىگ بىلەن ئۇچراشتى. بىر مەيدان كەسكىن تۇتۇشۇشتىن كېيىن، مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ (ئۈچ رېپىرنىڭ بەرگەن نومۇرى بولسا 73:78، 74:78، 74:77)، بۇ يىللىق «جۇڭگو بوكىس شاھى» ئالتۇن كەمىرىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ مەمەتتۇرسۇن چوڭنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۇدا ئۈچ قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، بۇ يىل يەنە بىر قېتىم چوڭ شان-شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈشى شۇنداقلا ئابدۇشۈكۈر مىجىتتىن كىيىن 20 يىل مابەينىدە شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم جۇڭگو بوكىس شاھى شەرىپىگە ئېرىشكۈچى ھېسابلىنىدۇ.






    ئەلكۈيى تورى مەمەتتۇرسۇن چوڭنىڭ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىسىنى نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىپ 200 مىڭدىن ئارتۇق كۆرۈرمەننىڭ ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق مەمەتتۇرسۇن چوڭنىڭ مۇسابىقىسىنى بىۋاستە كۆرۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى ۋە نەق مەيداندىن ئۇيغۇر تىلىدا چۈشەندۈرۈپ ،تورداشلارغا بۇ مۇسابىقىنى تېخىمۇ نادىر مەزمۇنلاردا ئاتا قىلدى . مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن تاكى ھازىرغىچە بۇ مۇسابىقىنىڭ تولۇق قىسمىنى كۆپلىگەن تورداشلار توختىماي تارقىتىۋاتىدۇ ، تورداشلارغا تېخىمۇ ياخشى كۆرۈش سۇپىسى ھازىرلاش مەقسىتىدە بۈگۈن مۇسابىقىنىڭ ئەڭ سۈزۈك ھالەتتىكى تولۇق نۇسخىسى ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى يانفۇن ئەپ دىتالى ۋە ئەلكۈيى ئۈندىدار سالونىدا تارقىتىلدى.

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • رونالدو بىلەن ئىبراھىموۋىچنىڭ مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو بىلەن ئىبراھىموۋىچنىڭ مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • بازار باھاسىنى ئۆرلىتىۋېلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ئېنگلىزچە قىسقارتىلىپ « NCP» دىيىلىدىغان بولدى

    1970-01-01 08:00

  • رۇيدېسىۋېي دورىسى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارغا بۈگۈن ئىشلىتىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تۈركىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى 3 پارچە بوپ كەتتى،3ئادەم ئۈلۈپ179ئادەم يارىلاندى

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش مەزگىلىدە توك پۇلى تۈگەپ كەتسىمۇ توك توختىمايدىغان بولدى

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى تىجارەتچىلەرگە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭدا 2020 - يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش مەۋسۇمى كېچىكتۈرىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى 1 مىليارد يۈەنلىك كاتتا سوۋغاتنى ئېلىپ يولغا چىقتى

    1970-01-01 08:00