• زۇلپىقار مۇھەممەدئەلى WBA قىتئە ئالتۇن كەمىرىنى قولغا كەلتۈردى(مۇسابىقە تولۇق فىلىمى)

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2017-12-18 04:37
  • زۇلپىقار مۇھەممەدئەلى WBA قىتئە ئالتۇن كەمىرىنى قولغا كەلتۈردى(مۇسابىقە تولۇق فىلىمى)

    ئەلكۈيى تورى بۇ مەيدان مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىپ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى ، تۆۋەندىكىسى ئېلشاتنىڭ مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق قايتىلانما فىلىمى 

    ئىنكاسلارنى ئۇقۇماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى باسسىڭىز بۇلىدۇ


    ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش قانىلى مەخسۇس خەۋىرى: 12-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە 2017-يىللىق WBO قىتئەلەر ئارا مۇسابىقىسى ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جوڭشەن شەھەرلىك تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىنىڭ 3-مەيدانىدا   شىنجاڭدىن بارغان جۇڭخۇا ئوغلانى ، wbo شەرق چېمپىيونلۇق ئالتۇن كەمەر ساھىبى ،زۇلپىقار مۇھەممەدئەلى بىلەن ئىستونىيە بوكىس شاھى پاۋىل ئوتتۇرىسىدىكى WBA قىتئە ئالتۇن كەمىرىنى تالىشىپ ، زۇلپىقار  قەيسەرلىك بىلەن ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىپ، ئاخىرىدا رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ WBA قىتئە ئالتۇن كەمىرىنى قولغا كەلتۈردى.


    3-مەيدانىدىكى WBA ئاسىيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر «ئالتۇن كەمەر» تالىشىش مۇسابىقىسىدە، زۇلپىقار دۆلىتىمىزگە ۋاكالىتەن ئىستونىيەلىك ماھىر پاۋېل بىلەن ئۇچراشتى. مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن ھەر ئىككى ماھىر ئاستا-ئاستا مۇسابىقىگە كىرىشتى، بوي ئېگىزلىكى ۋە غۇلاچ كەڭلىكى جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن زۇلپىقار بىرنەچچە قېتىملىق كۈچلۈك ھۇجۇم بىلەن رەقىبىگە بېسىم قىلدى. مۇسابىقە كەسكىن داۋاملاشتى، ھەر ئىككى تەرەپ رەقىبىگە پۇرسەت بەرمىدى. پاۋېلنىڭ كۆپ قېتىملىق قائىدىگە خىلاپ ھۇجۇمى ھەممەيلەننىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە بولغان زۇلپىقار ئۆز ھەيۋىسىنى نامايەن قىلىشقا باشلىدى. ھەر ئىككى ماھىردا ھارغىنلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. 10 ئۇچرىشىشقا سوزۇلغان بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، زۇلپىقار گەرچە باشلىنىشتا پاسسىپ ئەھۋالغان قالغان بولسىمۇ، لېكىن قەيسەرلىك بىلەن ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىپ، ئاخىرىدا رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ بۇ تۈردە «ئالتۇن كەمەر»نى قولغا كەلتۈردى.


    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدا تۇنجى ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنى لازىر نۇرىدا داۋالاش بىخەتەرمۇ؟

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇر بىلەن داۋالاش ئوپېراتسىيەسىنى خالىغان ۋاقىتتا قىلدۇرسا بولامدۇ؟

    1970-01-01 08:00

  • چاچنى قانچە كۈندە بىر قېتىم يۇيسا مۇۋاپىق؟

    1970-01-01 08:00

  • جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋىلىرىنى توشۇش مىقدارى تېز ئاشتى

    1970-01-01 08:00

  • ﻧﻮﻣﯘرلار ﻳﯜزﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮرۇﻧﻨﻰ ﺟﻪزﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜرۈش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ

    1970-01-01 08:00

  • يەكەنلىك لاتارىيەچى نۇمۇر ساقلاپ كاتتا مۇكاپاتنى كۈتىۋالدى

    1970-01-01 08:00

  • ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﻧﻮﻣﯘرﯨﻨﻰ ﭘﻪرەز ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ئۈگىنىۋېلىڭ

    1970-01-01 08:00

  • خوتەنلىك لاتارىيەچى26مىڭ يۈەن لاتارىيەگە ئېرىشىپ كاتتا خوشاللىققا ئىگە بولدى

    1970-01-01 08:00

  • بېكھام بىلەن ئىبراھىموۋىچ شىۋېتسىيە بىلەن ئېنگلاندنىڭ مۇسابىقىسىدە شەرتلەشتى

    1970-01-01 08:00