• ئامىر خاننىڭ يېڭى كىنوسى «سىرلىق گىگانت چولپان»غا قانداق باھا بېرىسىز؟

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-01-20 06:03
  • ئامىر خاننىڭ يېڭى كىنوسى «سىرلىق گىگانت چولپان»غا قانداق باھا بېرىسىز؟

    19-يانۋار، ئامىر خاننىڭ «سىرلىق گىگانت چولپان» (神秘巨星) ناملىق كىنوسىنىڭ تۇنجى قويۇلۇش كۈنى. ئەسلىدىنلا، ئامىر خان تاغىمىزغا چەكسىز قايىللىقىم بولغاچقىمىكىن، ھېچنېمىنى ئويلاشمايلا، بېلەت زاكاز قىلىش ئۈچۈن يانفونۇمنى ئاچتىم. 

    «ۋات؟» ئەڭ ياخشى كۆرۈش رايونىدىكى ئورۇنلار توشۇپ كەتتى؟! ھە بولۇپتۇ، كېيىنكى مەيدانغا قاراي، «نانى» بۇمۇ توشۇپ كەتتى؟ «مەرتەم مەرتەم ئۈچ مەرتەم» دەپتىكەن، ئۈچىنچى مەيدانغا قاراي دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ، ئاچسام، تەلىيىمگە يارىشا، ئەڭ مۇنەۋۋەر كۆرۈش رايونىدىكى بىر ئورۇن بوش قاپتۇ. (ۋاھۇ... مانا تەلەي دەپلا شاققىدە بېلەتنى ئېلىۋەتتىم)...

    شۇنداق قىلىپ، 150 مىنۇتلۇق كىنونىمۇ كۆرۈپ بولدۇم... ھەييى... نېمە دېسەم بولار، ئىشقىلىپ چەكسىز ھاياجانلىق تۇيغۇ قەلبىمنى چىرمىۋالدى. كىنونىڭ دەسلىپىدە باش پېرسوناژ (زەيرا ۋەسىم رول ئالغان) ئىنىسىيانىڭ گىتتار بىلەن ئورۇندىغان يېقىملىق ناخشىسى مېنى ئىختيارسىزلا ئەينى يىللاردىكى قولۇمغا تاماق يەيدىغان چوكىنى مىكروفون دەپ ئېلىۋېلىپ، ھويلامنىڭ ئوتتۇرىسدا «ھەيلالو ھەيلالو... » دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ كەتكەنلىرىم يادىمدىن كەچتى. تۆۋەندە، مەن كۆپچىلىككە بۇ كىنونى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىمنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن:

    ئەلۋەتتە، «سىرلىق گىگانت چولپان» دېگەن تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تۇنجى بولۇپ، «ئامىر خان» دېگەن ئىسىمنى ئويلايدۇ. (بۇ تاغىمىزنىڭ قانچىلىك قالتىسلىقىنى مەن دېمىسەممۇ ئەقىللىق نۇرداشلارنىڭ ھەممىسىگە ئايان) بۇ قېتىم ئۇ «دانگال»دىكى قاتتىق قول، تەلەپچان دادا ئوبرازىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، كىشىگە بىر خىل «دەلدۈش»تەك، بىراق ئەمما بىر يەرلىرىدىن ئىللىقلىق ئاتا قىلىدىغان داڭلىق چولپان شاتىك كۇمارنىڭ رولىنى ئالغانىدى. (بۇ يەردە تاغىمىزنىڭ يۇمۇرستىك ئوبرازىغا يۈز نومۇر بېرىمەن)

    بۇنىڭدىن بۇرۇن تارقالغان تەشۋىقات فىلىمىدىمۇ، ئۇ چېچىنى ئالا يېشىلغا بوياپ، يەنە تېخى سېرىق رەڭلىك يالغان چاچ تاقىۋالغان ياردەمچىىسى بىلەن بىرلىكتە ئېكران ئالدىدىكى تاماشىبنلارغا قىزغىنلىق بىلەن تەكلىپ ئەۋەتىپ، «ئەگەر ياقتۇرغان بولسىڭىز <ژۈرەك> بېرىڭ، ياقتۇرمىغان بولسىڭىز، ئۇسلۇبىڭىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ، دېگەندىن باشقا يەنە تېخى سۆيگۈ ئەۋەتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ كۆرۈنۈشمۇ كىنونىڭ ئاخىرقى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. (شۇ ۋاقىتتا، مېنىڭمۇ ئېكرانغا كىرىپ كەتكۈملا كەلگەنىدى ھى، ھى، ھى)

    كىنونىڭ ھالقىلىق ئەربابى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قېتىم ئامىر خان تاغىمىز ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن تۇرقى بىلەن كۆپلىگەن كۈلكە نۇقتىسىنى ئۈستىگە ئېلىپلا قالماستىن يەنە تېخى كىنوغا «شاپاقلىق» ئوبرازنىمۇ قوشقانىدى. ئۇ ئۆسمۈر قىز ئىنىسىيانىڭ تالانتى بىلەن غايىسىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەندىن كېيىن، ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن قەلبىدىكى غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. قىسقىسى، كىنونىڭ كۈلۈش، ئىللىق نۇقتىلىرى ئىنتايىن تولۇق مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، مۇزىكا بىلەن غايە ئېلېمېنتلىرى ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ، بۇ كىنونى شەك-شۈبىھىسىزكى، «باش بارماق» چىقارغۇدەك ھالەتكە ئېلىپ كەلگەنىدى.

    ئىككىنچىدىن، بۇ كىنو ئەلۋەتتە ھىندىستاننىڭ بىر قىسىم ئىجتىمائىي مەسلىلىرىنى ناھايىتى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. كىنودىكى كىچىك ئائىلە دەل ھىندىستاندا ئومۇميۈزلۈك ساقلانغان ئائىلىلەرنىڭ كارتىنىسى خالاس. مەسىلەن، دادا تىپىك «ئەر مەركەز»، «ئەرلىك ھوقۇقى»نى تەشەببۇس قىلغۇچى، ئۇ ئايالى ۋە قىزىنى ئۆزىنىڭ مۈلۈكى ئورنىدا كۆرىدۇ. كىنودىكى جىنىسي كەمسىتىش بىلەن ئائىلە زوراۋانلىقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە. ئانا بولسا چوڭلارنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئۈن-تىنسىز ھەممىگە سۈكۈت قىلىدىغان، «تەقدىر»گە بويسۇنىدىغان ئاجىز ئايال ئۇ ھەتتا ئەگەر قىزىنىڭ سۆزلىرى بىلەن ئويغانمىسا، مەڭگۈ قارشىلىق كۆرسىتىشىنىمۇ بىلمەيدىغان ئايالدۇر. ئۇلارنىڭ ھامما مومىسىمۇ بىر ئۆمۈر ئېزىلىپ كەلگەن ئايال بولۇپ، جەمئىيەتتىكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىلىرىغا بېرىپ قالغان ياشانغان ئاياللارنىڭ ئوبرازىنى نامايەن قىلغان. باش پېرسوناژ ئىنىسىيا ئاياللار ھوقۇقىنىڭ ئويغىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان، غايىسىنى قوغلىشىش شۇنداقلا ھوقۇقىنى قوغداشقا ئىنتىلىدىغان يېڭى زامان خانىم-قىزلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ ئۆيدىكى شاكىچىك گۇدۇ بولسا، كېيىنكى بىر ئەۋلاد ئوغۇل بالىلىرىنىڭ ئۈمىدى بولۇپ، ئۇنىڭ خانىم-قىزلارنى ھۆرمەتلىشى ئۈمىد قىلىنغان.

    ئۈچىنچىدىن، كىنودىكى رېئاللىق بىلەن غايە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن نامايەن قىلىنغان. مېنىڭچە بولغاندا، كىنونىڭ دەل مۇشۇ يېرى ئۆزگىچىلىككە ئىگە. بۇنىڭدىكى ھەربىر كىشىنىڭ غايىسى ئۈچۈن ئىزدەنگۈچىلەرنى ئىنتايىن قوللايدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. بىراق ئانا بولغۇچى ئاجرىشىش كېلىشمنامىسىنى راستىنلا يولدىشىنىڭ يۈزىگە ئېتىپ، بالىلىرىنى ئېلىپ ئايرودرومدىن چىققاندا، زالدا شىپپىدە توختاپ قالىدۇ-دە، تاكى كىچىك ئوغلى ئانىدىن: «ئەمدى بىز قانداق قىلىمىز، قەيەرگە بارىمىز؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ بىۋاستىلا جاۋاب بەرمەي، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى نەق مەيدانىغا بېرىشنى تاللايدۇ. بىراق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئاياغلىشىدۇ، تۇرمۇش يەنىلا داۋاملىشىدۇ، بىردىنبىر ئىقتىسادىي مەنبەسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئانا ئىككى بالىسى بىلەن قانداق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ؟ بەلكىم قىزى گىگانت چولپان بولۇپ، خۇش ئاۋازى بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشىمۇ، يەنە بەلكىم ئۇچۇر تېز سۈرئەتتە يېڭىلىنىدىغان بۈگۈنكىدەك زاماندا ناھايىتى تېزلا كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. (دىققەت قىلدىڭىزمىكىن، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا قىزنىڭ ئېيتقان ناخشىسى مۇكاپاتقا ئېرىشمىگەندە، سەھنىگە چىقىش پۇرسىتىنى ئايال ناخشىچى ئۇنىڭغا بېرىدۇ) دېمەك، بۇ كىنو كىشىلەرنى غايىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ-يۇ، بىراق يەنىلا رېئاللىقتىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى ئەينەن يورۇتۇپ بېرىدۇ. 

    تۆتىنچىدىن، «سىرلىق گىگانت چولپان» زادى كىم؟ دەسلەپتە، بۇ كىنونى كۆرمەستىن بۇرۇن، كىچىك قىزچاقنى چولپان دەپ ئويلىغانىدىم، بىراق تاكى ئۇ سەھنىگە چىقىپ: «بەلكىم سىلەر مېنى سىرلىق گىگانت چولپان دەپ بىلىشىڭلار مۇمكىن، بىراق ئەمەلىيەتتە مەن ئەمەس، ھەقىقىي چولپان دەل ئاپام. ئاپا، سەن ئەخمەق ئەمەس، بەلكى ئەڭ ئەقىللىق، ئاپا سەن قورقۇنچاق ئەمەس بەلكى ئەڭ قەيسەر» دېگىنىچە، يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاپىسىنى چىڭڭىدە قۇچاقلىۋالغاندىكى كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ، كۆز ياشلىرىمنى توختىتالمىغىنىمچە، جاھاندىكى بارلىق ئانىلارنىڭ ھەقىقىي سىرلىق گىگانت چولپان ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. 

    مېنى ھەم بارلىق كۆرۈرمەنلەرنى چەكسىز ھاياجانغا سالغان ئەڭ يېقىملىق ناخشا «Nachdi Phira»

    ئەلۋەتتە، «ھەر كاللىدا ھەر خىيال» دەپتىكەن، كونىلار. شۇنىڭدەك، ھەربىر كىشىنىڭ بۇ كىنونى كۆرگەندىن كېيىنكى ئويلىغان ھېس-تۇيغۇلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئەگەر سىز بۇ كىنونى كۆرمىگەن بولسىڭىز، بىر كۆرۈپ بېقىڭ، كۆرگەن بولسىڭىز، ئويلىغانلىرىڭىزنى ئىنكاس رايونىغا قالدۇرۇڭ...

    مەنبەسى :جۇڭگو گېزىتى خەۋىرى nur.cnتەرجىمىسى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك