• بۇ 11 ئىغىۋاغا سىزمۇ ئىشىنىپ يۈرگەنمۇ؟

  • يوللىغۇچى : ئادىلە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-01-24 11:47
  • بۇ 11 ئىغىۋاغا سىزمۇ ئىشىنىپ يۈرگەنمۇ؟

    ئىلگىرىكى دەۋرلەردە كىشىلەر 30 يىلمۇ ياشىيالمايتتى.

    ئىلگىرىكى دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 30 يىل، بۇ ھەرگىز كىشىلەر 29 ياشتىن كېيىنلا ئۆلۈپ كېتىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. بەزى كىشىلەر ھەتتا 30 يىلدىن خېلى ئۇزاققىچە ياشىغان.

    ئادەم ھەر يىلى ئۇخلاۋاتقاندا ئۇقۇشماسلىقتىن سەككىز تال ئۆمۈچۈكنى يەۋېتىدۇ.

    كۆپ قىسىم جانلىقلار ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىدىن يوغان نەرسىلەرگە بىكاردىن ھۇجۇم قىلمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆمۈچۈك ئىسسىقلىق ۋە تەۋرىنىشكە ئىنتايىن سەزگۈر، شۇڭا ئۇلار ئاسانلىقچە ئادەم بەدىنىگە چىقىۋالمايدۇ.

    بۇ قورقۇنچلۇق ئېغىۋا 1993-يىلىدىكى لىسا خورستنىڭ ماقالىسىدىن كەلگەن، ماقالىدە ئۇ بىر قىسىم ئېنىق بولمىغان سانلىق مەلۇماتلارنى قېتىپ كىشىلەرنى ئاسانلا ئىشەندۈرۈۋەتكەن.

    بەزىلەر «چاقماق بىر قېتىم چۈشكەن يەرگە قايتىپ چۈشمەيدۇ» دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، چاقماق بىر قېتىم چۈشكەن يەرگە قايتا چۈشۈشىمۇ مۇمكىن.


    نۇرغۇن تورداشلار «كۈندە سەككىز ئىستاكان سۇ ئىچسە تەن ساغلاملىققا پايدىسى زور» دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن.

    ئەگەر سىزنىڭ سۇ ئىچكۈڭىز كەلمىسە، لېكىن يەنىلا سەككىز ئىستاكان ۋەزىپىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى زورلىماقچى بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى دەرھال توختاپ قېلىڭ.

    چۈنكى سىزنىڭ بەدىنىڭىز سۇغا تويۇندى، بۇ يەردىكى سەككىز ئىستاكان ھەر قانداق ئادەم بەدىنىنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجىغا ماس كېلىۋەرمەيدۇ. تەتقىقاتلارغا كۆرسىتىلىشچە، ئادەم بەدىنىدىكى سۇ مىقدارى ئارتىپ كەتسە، مېڭىمىز سۇ تەركىبىنىڭ خورىشىنى تىزگىنلەيدىكەن.

    «تاماق يەپ بولۇپ 30 مىنۇتقىچە سۇ ئۈزمەسلىك كېرەك» دېگەن سۆزنىڭمۇ ھېچقانداق ئاساسى يوق، تاماق يەپ بولۇپ سۇ ئۈزۈش ئادەمگە زىيان ئېلىپ كەلمەيدۇ.


    ئىتلارغا نىسبەتەن بىر يىل يەتتە يىلغا تەۋە.

    بۇنى سۇندۇرۇپ ھېسابلىساق 13 ياشقا كىرگەن ئىت 68 ياشقا كىرگەن ئادەمگە ئوخشاش.

    يۇقىرىقى سۆزگە سىزمۇ ئىشلەنگەنمۇ؟

    ئەگەر سىز ئىتىڭىزنىڭ يېشىنىڭ نەچچە ياشقا كىرگەن ئادەمگە باراۋەر ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، بىرنىڭ نىسبىتى يەتتە دېگەن فورمۇلاغا ئىشەنمەڭ. ئۇلارنىڭ يېشى ئىتىڭىزنىڭ سورتى ۋە تۈرگە باغلىق.

    «چىۋىن پەقەت 24 سائەتلا ھاياتلىق كەچۈرىدۇ» دېگەن سۆزگە ئىشەنگەنلىك ئەڭ چوڭ ئەخمىقانىلىق.

    چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئەمەس ئۇچۇش ۋاقتىمۇ 24 سائەتتىن خېلىلا كۆپ بولىدۇ، ئۇلار ھەم پۈتۈن قىش ئۇيقۇ ھالىتىدە بولىدۇ.

    تىلنىڭ تۆت تەرەپلىك تەم سېزىش رايونى بولىدۇ.

    بۇ سۆزنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسىي يوق، ئەمەلىيەتتە تىلنىڭ تەم سېزىش رايونى پۈتۈن تىلىنى قاپلىغان، يۇقارقى تۆت رايونى ئۇقۇمى گېرمانىيەلىك ئالىم david hanig نىڭ ئەسىرنى تەرجىمە قىلغاندا خاتالىق كۆرۈلۈپ پەيدا بولغان.

    ئالتۇن بېلىقنىڭ خاتىرىسى پەقەت ئۈچ سېكۇنت.

    ئىسرائىلىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە، ئالتۇن بېلىقنىڭ خاتىرىسى پەقەت ئۈچ سېكۇنتلا بولماستىن بەلكى بەش ئاي ئەتراپىدا بولىدىكەن.

    ئادەمنىڭ پەقەت بەش خىل سەزگۈسى بار (بەزىلەر ئالتىنچى سەزگۈمۇ بار دەپ قارايدۇ)

    مەيلى سىز ئادەمنىڭ بەش خىل سەزگۈسى ياكى ئالتە خىل سەزگۈسى بار دەپ ئويلاڭ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خاتا.

    چۈنكى ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ جىق سەزگۈ ئىقتىدارى بار، بەزى تەتقىقاتچىلار ھەتتا 21 سەزگۈ ئىقتىدارىنى ساناپ بەرگەن. (مەسىلەن: تەڭپۇڭلۇق سەزگۈسى، ئاغرىق سېزىش سەزگۈسى، تېمپېراتۇرا سېزىش سەزگۈسى... قاتارلىقلار)

    بۇقا قىزىل رەڭنى كۆرسە غەزەپلىنىدۇ.

    ئەمەلىيەتتە، بۇقا رەڭ تونۇمايدۇ. ئۇلار پەقەت ئۆزىنى قورقۇتۇۋەتكەن جىسىم ياكى جانلىقلارغا قارىتا غەزەپلىنىپ ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ.

    مەنبەسى :نۇر تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك