• شاخلىتىپ سېتىش ئۇۋۇسىغا كىرىپ قالغان ئەر «قانلىق پۇل» بىلەن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى

  • يوللىغۇچى : ئەزىمەت
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-01-24 11:55
  • شاخلىتىپ سېتىش ئۇۋۇسىغا كىرىپ قالغان ئەر «قانلىق پۇل» بىلەن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى

    پېڭپەي خەۋەرلىرى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى جىياڭشى ئۆلكىسى شاڭراۋ شەھىرى خېڭفېڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىدىن ئىگللىشىچە، بۇ ئىدارىنىڭ شىڭئەن ساقچىخانىسى يېقىندا بىر شاخلىتىپ سېتىش ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلىپ، بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى قۇتقۇزۇۋالغان.

    خېڭفېڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى خادىمىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، 18- يانۋار بىر مۇھىت ئاسىراش ئىشچىسى قان يۇقى بار 100 يۈەنلىك پۇلىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ دېلو مەلۇم قىلغان. بۇ پۇلنى ناھىيەلىك قۇرۇلۇش ماتېرىيالىرى بازىرىدا تېپىۋالغان، ئۈستىدە قان بىلەن يېزىلغان «110» قۇتقۇزۇش ئۇچۇرى بار بولۇپ، سۈزۈك پىلاستىر بىلەن چاپلانغان «ياخشى نىيەتلىك كىشى تېلفۇندا ساقچىغا مەلۇم قىلىپ مېنى قۇتقۇزۇۋېلىڭ» دېگەن قەغەز بار ئىكەن.

    سۈن فامىلىلىك تاشلاپ ياردەم تىلىگەن پۇل

    ئەھۋالنى ئىگەللىگەن خەلق ساقچىسى دەرھال نەق مەيدانغا ئاتلىنىپ رەتكە تۇرغۇزۇپ، نەق مەيداننى ئانالىز قىلىپ تەكشۈرۈپ، گۇمانلىق سورۇننى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈپ، بىر بىنانىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە يەتتە گۇمانلىق كىشىنى بايقىغان. خەلق ساقچىسى بۇ يەرنىڭ شاخلىتىپ سېتىش ئۇۋىسى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ، بۇ يەتتە كىشىنى قانۇن بويىچە شىڭئەن ساقچىخانىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىپ دېلو ئىشلەش مەركىزىدە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرىتقان.

    سوراقتىن كېيىن ساقچىلار بۇ يەتتە گۇمانلىق كىشىنىڭ بىرى دەل پۇل تاشلاپ ياردەم تەلەپ قىلغان سۈن فامىلىلىك ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن. ئىگەللىنىشىچە، 12-ئاينىڭ ئاخىرى، سۈن فامىلىلىك گۇماندار پېڭ فامىلىك تەرىپىدىن قىز دوستى بىلەن كۆرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن خېڭفېڭغا ئالداپ ئاپىرىلىپ، پېڭ فامىلىك قاتارلىق ئالتە كىشى تەرىپىدىن جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغان.

    ساقچىلار ئالتە گۇماندارنى كونترول قىلدى. 

    ھازىر پېڭ فامىلىلىك قاتارلىق ئالتە نەپەر گۇماندار قانۇنسىز قاماپ قويۇشقا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلىپ قويۇلدى. بۇ خىزمەتچىنىڭ ئېيتىشىچە، سۈن فامىلىلىك مۇھىت ئاسىراش ئىشچىسىغا رەھمىتىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن پويىزدا يۇرتىغا قايتقان.

    مەنبەسى :نۇر تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00