• بۇلتۇر پۈتۈن دۇنيادا 95 مىڭ باي كۆچمەن بولدى

  • يوللىغۇچى : ئادىلە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-01-25 02:38
  • بۇلتۇر پۈتۈن دۇنيادا 95 مىڭ باي كۆچمەن بولدى

    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بايلىق تەتقىقات ئورگىنى يېڭى دۇنيا بايلىقى (New World Wealth) ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا بايلىقىنىڭ يۆتكىلىشى تېزلىشىۋاتقان بولۇپ، 2017-يىلى پۈتۈن دۇنيادا 95 مىڭ يۇقىرى ساپ قىممەتتىكى زات (ئاساسلىقى تۇرالغۇسىدىن باشقا ساپ كاپىتالى بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغانلار) كۆچمەن بولغان، 2016-يىلدىكى 82 مىڭ ۋە 2015-يىلدىكى 64 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

    ئاۋىسترالىيە يەنىلا ئەڭ جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە كۆچمەنلەر مەنزىلى بولۇپ، بۇلتۇر 10 مىڭ يۇقىرى ساپ قىممەتتىكى كۆچمەن كىرگەن؛ ئامېرىكا ئىككىنچى ئورۇندا بولۇپ، 9000 يۇقىرى ساپ قىممەتتىكى كۆچمەن كىرگەن. كانادا ئۈچىنچى ئورۇندا بولۇپ، 5000 ئادەم كىرگەن.

    دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئاۋىسترالىيەنىڭ باي كۆچمەنلەرنى جەلىپ قىلالىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب جۇغراپىيەلىك ئورنى ئاسىياغا يېقىن بولۇپ، جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە، سىنگاپور ۋە ۋېيتنام قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى بىلەن سودا قىلىشقا قولايلىق. 

    باشقا بىر سەۋەبى بىخەتەرلىك بولۇپ، ئاۋىسترالىيە ئايال ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئەڭ بىخەتەر دۆلەت دەپ باھالانغان، بالىلارغا نىسبەتەنمۇ بىخەتەر جاي.

    مەنبەسى :سىنا تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك