• ئامېرىكىدىكى ئەڭ «كېلىشكەن مەھبۇس» نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا داڭلىق؟

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-01-25 02:44
  • ئامېرىكىدىكى ئەڭ «كېلىشكەن مەھبۇس» نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا داڭلىق؟

    جېرمىي مەكس ئامېرىكىلىق، ئۇنىڭ «تۈرمىگە كىرگەندىكى ئۆلچەملىك سۈرىتى بەكلا كېلىشكەن» بولغاچقا، ناھايىتى تېزلا تور چولپىنىغا ئايلانغان.

    شۇ جايدىكى ساقچى ئىدارىسى قائىدىگە ئاساسەن مەھبۇسلارنىڭ سۈرىتىنى فېيسبۇكقا يوللايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ سۈرىتى بەكلا كېلىشكەن بولغاچقا، زور تۈركۈمدىكى تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ھەممەيلەن بەس-بەستە: «نېمىدىگەن كېلىشكەن»، «ئېڭەكلىرى ئۇچلۇق»، «زۇمرەتتەك بىر جۈپ كۆزى» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن سۈپەتلىگەن.

    2016-يىل 10-مارت، مەكس تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن قايتىدىن ئادەم بولۇپ، مودېللىق ھاياتىنى باشلىغان. ئەينى ۋاقىتتا خېلى كۆپ مودېل ۋاستىچى شىركەتلىرى مەكسنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرۈپ يەتكەن بولۇپ ھەتتا Versace ۋە Armani قاتارلىق داڭلىق ماركا شىركەتلىرى ئۇنى مودېللىققا تەكلىپ قىلغان.

    ئۇنىڭ ھازىرقى سۆيگۈنى ئەنگلىيە پارچە سېتىش ماگناتى فىلىپ جىرېننىڭ قىزى چىلوئې جىرېن. ئىككەيلەن بىر-بىرىنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، مەكس چاقماق تېزلىكىدە ئايالىدىن ئاجراشقان.

    بىر پارچە سۈرەت سەۋەبلىك ھاياتىدا «گۈل ئېچىلىش»... قارىغاندا، بىزمۇ بۇنىڭدىن كېيىن كىملىك ۋە باشقا گۇۋاھنامە سۈرەتلىرىمىزگە بەكرەك ئەھمىيەت بەرسەك بولغۇدەك، جۇمۇ!

    مەنبەسى :بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك