• 99 بىمارنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن گېرمانىيەلىك ئەر سېستىرا سوتلاندى

  • يوللىغۇچى : ئادىلە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-01-25 02:53
  • 99 بىمارنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن گېرمانىيەلىك ئەر سېستىرا سوتلاندى

    ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى قېتىم باشقىلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان گېرمانىيەلىك ئەر سېستىرا 97 نەپەر بىمارنى قەستلەش جىنايىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئەيىبلەنگەن. 

    تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، كىشىلەر تەرىپىدىن «ئۆلۈم پەرىشتىسى» دەپ ئاتالغان بۇ ئەر سېستىرانىڭ ئىسمى نېلس خوگېل  (Niels Hoegel) بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى گېرمانىيەنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى ئولدېنبۇرگ  (Oldenburg) ۋە دېلمېنخورست  (Delmenhorst) تىكى ئىككى دوختۇرخانىدا ئىشلىگەنىكەن. ئۇ 1999-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 99 نەپەر بىمارنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەنىكەن.

    نېلس خوگېل ئىسىملىك بۇ ئەر سېستىرا 2015-يىلى دېلمېنخورستتىكى ئامبۇلاتورىيىدە ئىككى قېتىملىق 

    قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ۋە 2 قېتىملىق ئەمەلگە ئاشمىغان قەستلەش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئەگەر بۇ قېتىمقى ئەيىبلەش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئەر سېستىرا گېرمانىيىدىكى  2-قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ ئەشەددىي زەنجىرسىمان قەستلەپ ئۆلتۈرگۈچى قاتىل بولۇپ قالىدۇ.

    نېلس خوگېل ئىسىملىك ئەر سېستىرا سوتتا ئۆزىنىڭ ئىلگىرى دېلمېنخورستتىكى ئامبۇلاتورىيىدە 90 نەچچە نەپەر بىمارغا قەستەن يۈرەكنى زەئىپلەشتۈرىدىغان دورا ئۇكۇلى ئۇرغانلىقىنى، چۈنكى ئۆزىنىڭ بۇ بىمارلارنىڭ كېسىلى قوزغالغاندىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش جەريانىدىن ناھايىتى ھۇزۇرلىنىدىغانلىقىنى ئىقرار قىلغان. نېلس خوگېل يەنە شۇ ئىشتىن كېيىن تەكشۈرۈش خادىملىرىغا ئۆزىنىڭ ئولدېنبۇرگدىكى دوختۇرخانىدىمۇ يۇقارقىغا ئوخشاش ئۇسۇل ئارقىلىق بىمارلارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن.

    تەكشۈرگۈچى خادىملار نېلس خوگېل ئىسىملىك ئەر سېستىرانىڭ بايانىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يۇقارقى ئىككى دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن نەچچە ئون بىمارغا قارىتا توكسىكولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، نېلس خوگېلغا قارىتىلغان يېڭى ئەيىبلەشنىڭ پۇت دەسسەپ تۇرالايدىغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلگەن.

    سوت مەھكىمىسىنىڭ يېڭى ئەيىبلىشىگە قارىغاندا، نېلس خوگېل دېلوسىدا 62 نەپەر بىمار  دېلمېنخورستتىكى ئامبۇلاتورىيىدە، 35 نەپەر بىمار ئولدېنبۇرگدىكى دوختۇرخانىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، تەپتىش ئەمەلدارى مارتىن كوزولېك  (Martin Koziolek) ئىپادە بىلدۈرۈپ،يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە ئاز دېگەندىمۇ 3 دېلونىڭ نېلس خوگېل دېلوسى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى، لېكىن ھازىرچە بۇنىڭغا قارىتا يېتەرلىك دەلىل-ئىسپات بولمىغاچقا، يېڭى ئەيىبلەشكە كىرگۈزگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

      تەپتىش ئەمەلدارى مارتىن كوزولېك تولۇقلاپ، نېلس خوگېلنىڭ بىمارلارنىڭ يۈرىكىنى زەئىپلەشتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن خىل دورىنى سىناق قىلىپ ئۇرغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نېلس خوگېل يۇقارقى دېلولارنىڭ ھەممىسىدە بىمارنىڭ كېسەل سەۋەبلىك ئەمەس بەلكى ئۆزى ئۇرغان ئۇكۇل سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدىكەن.

    ساقچى تەرەپ نېلس خوگېل ئىشلىگەن ئىككى دوختۇرخانىدىكى 500 نەپەر بىمارنىڭ كېسەللىك تارىخى ۋە نەچچە يۈز پارچە دوختۇرخانا خاتىرىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن خاتىرىلەرنى تەكشۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا، ساقچىلار يەنە 67 قەبرىدىكى 134 جەسەتنى كولاپ ئېلىپ نېلس خوگېل ئىسىملىك بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھايۋاننى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 6 قېتىم سوتلىغان.        

    مەنبەسى :نۇر تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك