• ئەمەلىيەتتە مېلانىيانىڭ ئارزۇسى «بىرىنچى خانىم» بولۇش ئەمەس

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-01-25 03:37
  • ئەمەلىيەتتە مېلانىيانىڭ ئارزۇسى «بىرىنچى خانىم» بولۇش ئەمەس

    مېلانىيا تىرامپنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدىغانلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى تۇرمۇشى ئۇنچىلىك خۇشال ئەمەس ھەتتا تولىمۇ ئازابلىق ئىكەن. تىرامپ زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، بىرىنچى خانىمنىڭ تۇرمۇشى ئۇنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقماي قالغان.

    تىرامپ زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن، نيۇيوركتىكى تىرامپ سارىيىنىڭ ئامانلىق قوغداش دەرىجىسى ئېشىپ، ئەنە شۇ جايدا مېلانىيا ئۆزىنى بەئەينى قامالغان «ئۇزۇن چاچلىق مەلىكە»دەك ھېس قىلىدۇ.

    تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن، مېلانىيا ئاساسەن دېگۈدەك ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىغا «بېكىنىۋېلىپ» سىرتقا چىقىپ باقمىدى.

    ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدىن بۇرۇن بولسا، ئۇ ئوغلى باروننى مەكتەپكە ئاپىرىپ-ئەكىلىدىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن، باروننى ئاپىرىپ-ئەكىلىدىغان ئىش ئالاھىدە ۋەزىپە ئۆتەش ئورنىغا تاپشۇرۇلدى.

    ئۇنىڭ بىلەن روشەن سېلىشتۇرۇلما بولغان مىچېل 2009-يىلى ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە ئاقسارايدا ئائىلە كۈتىۋېلىش يىغىنى ۋە ئاقساراي خىزمەتچىلەر تانسا كېچىلىكى ئۆتكۈزدى.

    مېلانىيانىڭ ئەڭ ياقتۇردىغىنى، پالما دېڭىز ساھىلىدىكى Mar-a-Lago قورۇقى بولۇپ، تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇ ئۇدا ئۈچ ھەپتە ئاخىرىنى مۇشۇ جايدا ئۆتكۈزدى.

    مېلانىيا ئاقسارايدا ئابى شىنزونىڭ خانىمىغا ھەمراھ بولۇپ، گۈللۈكنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، شۇنچىلىك سوغۇق بولۇپ، ئايال غوجايىندا بولۇشقا تېگىشلىك قىزغىنلىقتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. 

    ئەجىبا، ئۇنىڭ بۇ مېھماننى كۈتىۋېلىش خىيالى يوقمىدۇ؟

    تىرامپ پالما دېڭىز ساھىلىدىكى Mar-a-Lago قورۇقىدا ئابى شىنزو ئەر-ئايالنى كۈتىۋالدى. تىرامپ بىلەن ئابى شىنزو گولف توپ ئويناۋاتقاندا، مېلانىيا ئابى خانىمنى ئېلىپ 2005-يىلى تىرامپ بىلەن توي قىلغان چېركاۋنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇردى. قارايدىغان بولساق، ئالدىنقى كۈنىدىكى تۇرقى بىلەن ئاسمان-زېمىن پەرقلىنەتتى.

    تىرامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش بەزمىسىدە، مېلانىيا بىلەن تىرامپ تانسا ئوينىغاندا، ئۇ قارىماققا تىرامپ بىلەن بەلگىلىك ئارىلىق ساقلىغاندەك كۆرۈنەتتى. بەدەن تىلى مۇتەخەسىسلىرى ئىلگىرى ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتى ئۇنچىلىك ئىناق ئەمەس بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلغان.

    ۋەىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى كۈنى سەھەردە، تىرامپ بىلەن مېلانىيا بىرلىكتە ئاقسارايغا كىرگەندە، سۈرەتتىكى تىرامپنىڭ ئۆزى بىلەنلا بولۇپ، ئوباما ئەر-ئايالنىڭ ئالدىغا بېرىۋالغانلىقىنى، مېلانىيانىڭ بولسا ئۆزى يالغۇز ئارقىسىدا قالغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بەلكىم تىرامپنىڭ بۇ ئۇسلۇبى ئۇنىڭ قاتتىق نارازىلىقنى قوزغىغان بولۇشى مۇمكىن.

    مېلانىيانىڭ يېقىن دوستى ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىغا كېلىشى ئاتالمىش «بىرىنچى خانىم» ئەمەس بەلكى مودېل ھاياتى ئۈستىدە ئىزدىنىش، دېگەن.

    مېلانىيانىڭ دوستى يەنە ئۇنىڭ چېھىرىدىكى كۈلكىگە ئالدانماڭ، ئۇنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن مەنىسز، ئۇ ئازىراقمۇ خۇشال ئەمەس، دېدى.

    مەنبەسى :تېڭشۈن تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك