• گېرمانىيە 2023-يىلى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەشنى رەسمىي توختىتىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئادىلجان
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-01-25 05:00
  • گېرمانىيە 2023-يىلى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەشنى رەسمىي توختىتىدۇ


    ماتېرىيال سۈرەت: گېرمانىيە قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئىشتاب بىناسى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېرلىندىن بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، گېرمانىيە قىزىل كىرېست جەمئىيىتى تۈنۈگۈنكى باياناتىدا، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يوقاپ كەتكەن گېرمانىيەلىكلەرنى ئىزدەش خىزمىتىنىڭ 2023-يىلى رەسمىي ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ قارار ئاللىقاچان گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن.

    بۇ ئىزدەش خىزمىتى 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا باشلانغان بولۇپ، ئۇرۇش مەزگىلىدە يوقاپ كەتكەن ئىككى مىليوندىن كۆپرەك گېرمانىيەلىكنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش مەقسەت قىلىنغان. گېرمانىيە قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ئىزدەپ تاپقان، 2010-يىلى بۇ ئورگان يەنە ئايرىلىپ كەتكىنىگە 60 يىلدىن ئاشقان ئاكا-ئۇكىلارنى جەم قىلغان.

    ئىگىلىنىشىچە، ئۇرۇشتا يوقاپ كەتكەن ئىككى مىليوندىن كۆپرەك كىشىدىن بىر مىليون 200 مىڭى ھازىرغىچە تېپىلمىغان.

    مەنبەسى :جۇڭگو ئاخبارات تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك