• دۇنيادە ھەر ئىككى كۈندە بىر مىلياردېر بارلىققا كەلمەكتە

  • يوللىغۇچى : ئادىلە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-01-26 03:52
  • دۇنيادە ھەر ئىككى كۈندە بىر مىلياردېر بارلىققا كەلمەكتە

    خەلقئارا ياردەم ۋە تەرەققىيات تەشكىلات ئوكسفام (Oxfam)نىڭ 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتى «بايلىققا ئەمەس ئەمگەككە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈڭ» (Reward Work, Not Wealth)دە دېيىلىشىچە، 2017-يىلى باي-نامراتلىق پەرقى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كېڭەيگەن. بۇنىڭدا دۇنيادىكى ئەڭ باي 42 ئادەم ئىگىلىگەن بايلىقنىڭ ئومۇمىي سوممىسى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ نامرات ئۈچ مىليارد 700 مىليون ئادەمنىڭ بايلىقىغا باراۋەر ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۇنيادىكى %82 بايلىق ئەڭ باي %1 ئادەمگە قاراپ ئاققان.

    ئوكسفامنىڭ بۇ ئەڭ يېڭى دوكلاتى دەل دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق كىشىلەرنىڭ شىۋېتسارىيە داۋوستا ئۇچرىشىشىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىندى. ئوكسفام ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ نامرات كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلىشىنى، ئۈزلۈكسىز كېڭىيۋاتقان باي-نامراتلىق پەرقىنى تارايتىشىنى، بايلىقنىڭ ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ قالماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلدى.

    گەرچە باي-نامراتلىق پەرقىنىڭ مەۋجۇتلىقى يېڭى ھادىسە بولمىسىمۇ، ئەمما ئوكسفامنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى 3-ئايدىن 2017-يىلى 3-ئايغىچە مىلياردېرلارنىڭ سانى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان سۈرئەتتە ئاشقان. ئوكسفامنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن ھەر ئىككى كۈندە بىر مىلياردېر بارلىققا كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، 2010-يىلدىن باشلاپ مىلياردېرلارنىڭ بايلىقى ھەريىلى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن %13 ئاشقان، ئادەتتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنىڭ ئېشىشىدىن ئالتە ھەسسە تېز، ئادەتتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى يىلىغا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن پەقەت %2 ئاشماقتا.

    مەنبەسى :نۇر تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك