• «بۈگۈن بىز نايىستا»تېمىسىدىكى پائالىيەتنىڭ ئەلكۈيى نەق مەيدان زىيارەت فىلىمى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-08 04:29
  • «بۈگۈن بىز نايىستا»تېمىسىدىكى پائالىيەتنىڭ ئەلكۈيى نەق مەيدان زىيارەت فىلىمى

    ئەلكۈيى تورى زىيارەت فىلىم خەۋىرى:2018-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى، يەكشەنبە، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات يېرىگە جايلاشقان دۆڭكۆۋرۈك تىياتىرخانىسىدا ئۈندىدار سودىسىدا چاقنىغان يەنە بىر يورۇق يۇلتۇز گۇاڭجۇ نوبەيلىن بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ «بۈگۈن بىز نايىستا» تېمىسىدىكى بىر كۈنلۈك كاتتا پائالىيىتى ئۆتكۈزىلدى.



    پائالىيەت مەزگىلىدە ئەلكۈيى تورى نەق مەيدان خەۋەرلىرى بۆلۈمى بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە پائالىيەت ئۆتكۈزگۈچى ئورۇنلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ، تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى .


    پائالىيەتكە بىر قىسىم كارخانىچىلار، ھەرقايسى ۋىلايەت–ئوبلاستلاردىن كەلگەن ۋاكالەتچىلەردىن بولۇپ 250 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى.

    پائالىيەتكە مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ياش رىياسەتچىسى نىجات ۋەلى ياقۇپ رىياسەتچىلىك قىلدى.


    پائالىيەتتە گۇاڭجۇ نوبەيلىن بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى، «نايىس» مەھسۇلاتلىرى ئۈندىدار تور سودا گۇرۇپپىسىنىڭ باشلامچىسى مەۋلۈدە زاھىر 2017- يىللىق خىزمەتلەردىن دوكلات بەردى ۋە 2018-يىلدىكى يېڭى نىشانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    ئۇ سۆزىدە بۇنىڭدىن كېيىنكى «نايىس» مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن ئىشەنچىلىك مەھسۇلاتلارنى بازارغا سالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

     


    گۇاڭجۇ نوبەيلىن بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى يەن يوڭجىن ئەپەندى شىركەت توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى ۋە 2017–يىلدىكى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

    گۇاڭجۇ نوبەيلىن بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە داڭلىق ناخشىچىلاردىن ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ، ھەزرىتى ئەلى مۇھەممەتتۇرسۇن، گۈلگىنە موللا ئەمەت قاتارلىقلارنىمۇ تەكلىپ قىلغان بولۇپ، شوخ ناخشا سادالىرى ئىچىدە «نايىس»لىقلار بەس–بەس بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.


    پائالىيەت ئاخىرىدا گۇاڭجۇ نوبەيلىن بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىلغار ۋاكالەتچىلىرى مۇكاپاتلاندى ۋە شىركەتكە، باش دىرېركتورغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. ئىشىنىمىزكى «نايىس»لىقلار  2018-يىلنى تېخىمۇ زور نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالىدۇ.

    ئەلكۈيى تورى بۇ ھەقتە ئىشلىگەن مەخسۇس زىيارەت فىلىم بىر قانچە كۈن ئىچىدە ھەرقايسى سۇپىلاردا كۆپلەپ تارقىتىلىپ ، گۇاڭجۇ نوبەيلىن بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىش-ئىزلىرى كەڭ تۈردە تونۇشتۇرىلىدۇ


    شىركەت پائالىيەتلىرى، شىركەت تونۇشتۇرۇلۇشى ۋە شىركەت، ماركا، مەھسۇلاتىڭىزغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەرنى تورغا يوللىماقچى ، نوپۇزلۇق سالون ۋە تور بېكەتلەرگە چىقارماقچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ 

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 0991-8555525

    ئۈندىدار : 285688588

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدا تۇنجى ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنى لازىر نۇرىدا داۋالاش بىخەتەرمۇ؟

    1970-01-01 08:00

  • يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى لازىر نۇر بىلەن داۋالاش ئوپېراتسىيەسىنى خالىغان ۋاقىتتا قىلدۇرسا بولامدۇ؟

    1970-01-01 08:00

  • چاچنى قانچە كۈندە بىر قېتىم يۇيسا مۇۋاپىق؟

    1970-01-01 08:00

  • جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋىلىرىنى توشۇش مىقدارى تېز ئاشتى

    1970-01-01 08:00

  • ﻧﻮﻣﯘرلار ﻳﯜزﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮرۇﻧﻨﻰ ﺟﻪزﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜرۈش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ

    1970-01-01 08:00

  • يەكەنلىك لاتارىيەچى نۇمۇر ساقلاپ كاتتا مۇكاپاتنى كۈتىۋالدى

    1970-01-01 08:00

  • ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﻧﻮﻣﯘرﯨﻨﻰ ﭘﻪرەز ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ئۈگىنىۋېلىڭ

    1970-01-01 08:00

  • خوتەنلىك لاتارىيەچى26مىڭ يۈەن لاتارىيەگە ئېرىشىپ كاتتا خوشاللىققا ئىگە بولدى

    1970-01-01 08:00

  • بېكھام بىلەن ئىبراھىموۋىچ شىۋېتسىيە بىلەن ئېنگلاندنىڭ مۇسابىقىسىدە شەرتلەشتى

    1970-01-01 08:00