• خەلق ئاۋىياتسىيەسى چاغان مەزگىلىدە داۋاملىق يۈك قوبۇل قىلىدۇ ۋە تارقىتىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-09 03:51
  • خەلق ئاۋىياتسىيەسى چاغان مەزگىلىدە داۋاملىق يۈك قوبۇل قىلىدۇ ۋە تارقىتىدۇ

    جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ يۈك توشۇش پونكىتى شۇجىسى خەن گوخۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە،چاغان مەزگىلىدە يۈك ئەۋەتىشكە ئېھتىياجى بار كىشىلەر جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتىنىڭ يۈك توشۇش پونكىتىغا بېرىپ، ئاۋىئاتسىيە ترانسپورتى ئارقىلىق يۈك ئەۋەتسە بولىدىكەن، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى جەنۇب ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بار شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىگە يۈك توشۇلىدىكەن، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق ئاساسلىق شەھەرلەرگە ئەڭ تېز بولغاندا چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدىن يۈك ماڭدۇرۇلسا، چۈشتىن كېيىنلا يېتىپ بارىدىكەن.

       ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى، خەيخاڭ گۇرۇھىمۇ چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە داۋاملىق يۈك قوبۇل قىلىدىكەن، تېز يوللانمىغا ئوخشىمايدىغىنى، خەلق ئاۋىياتسىيەسى پەقەت ئايرودۇرۇمدىن ئايرودۇرۇمغا يۈك يەتكۈزىدىغان بولۇپ، يۈك ئەۋەتمەكچى بولغانلار ئېھتىياجىغا ئاساسەن يۈكنى ئۆزى ئايرودۇرۇمغا ئاپىرىشى، يۈكنى تاپشۇرۇۋالغۇچىلارمۇ ئايرودۇرۇمغا ئۆزى كېلىپ، يۈكنى ئېلىپ كېتىشى كېرەك ئىكەن.

      خەيخاڭ گۇرۇھى يۈك توشۇش پونكىتى دىرېكتورى يۈ ۋېينىڭ تونۇشتۇرىشىچە، نۆۋەتتە خەيخاڭ گۇرۇھىنىڭ ئۈرۈمچىدىن باشلانغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن جەمئىي 21ى بولۇپ، 29 شەھەرگە تۇتىشىدىكەن، ئەگەر يۈك بالدۇر ئەۋەتىلسە، شۇ كۈنىلا يېتىپ بارىدىكەن.

    مەنبەسى :ts.cn




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك