• مەركەزنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ھۆججىتىدىكى يارقىن نۇقتىلار

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-09 03:50
  • مەركەزنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ھۆججىتىدىكى يارقىن نۇقتىلار

    گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خەن جۈن، مۇئاۋىن مۇدىرى ۋۇ خۇڭياۋ 2018-يىللىق مەركەزنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ھۆججىتى ھەققىدە ئىزاھات بەردى. خەن جۈن مۇنداق دېدى: باش باھار بىر يىللىق دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ باشلىنىشى، بۇ يىللىق مەركەزنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ھۆججىتى باش باھاردا رەسمىي ئېلان قىلىنىپ، مىليونلىغان دېھقانغا سىياسەتنىڭ باھار شامىلىنى يەتكۈزدى.

    مەركەزنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ھۆججىتىدە دۆلەتنىڭ 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان يېزا-كەنتنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى تۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2020-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋاقتى ۋە 2022-يىلى پارتىيەنىڭ 20-قۇرۇلتىيىنى ئاچقان ۋاقىتتىكى نىشان-ۋەزىپىلەر ئېنىق بېكىتىلىپ، يېزا-كەنتنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە سىياسەت تەدبىرلىرى تەپسىلىيلەشتۈرۈلدى، پۇختىلاندى، سىياسەتنى ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىندى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن پىلاننىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى ئاساسەن شەكىللەندى، تەرتىپ بويىچە تەستىقلاشقا يوللىنىۋاتىدۇ.

    مەركەزنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ھۆججىتىدە تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش تولۇقلىمىسىنى تەڭپۇڭ باشقۇرۇش چارىسىنى ياخشىلاپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆرسەتكۈچى ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش يېرىنى ئاشۇرۇش ۋە كېمەيتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ئوشۇق كۆرسەتكۈچنى ئۆلكە ئاتلاپ تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، بۇنىڭدىن ئېرىشكەن تاپاۋەتنىڭ ھەممىسىنى چىقىم خامچوتى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىنى مۇستەھكمەلەش ۋە يېزا-كەنتنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى قوللاشقا ئىشلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خەن جۈن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تېرىلغۇ يەر كۆرسەتكۈچى ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش يېرىنى ئاشۇرۇش ۋە كېمەيتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ئوشۇق كۆرسەتكۈچنى ئۆلكە ئاتلاپ تەڭشەشكە بولىدۇ، بۇ مۇشۇ كۆرسەتكۈچلەر ئارقىلىق تېخىمۇ مۇۋاپىق باھا شەكىللەندۈرۈشكە، تېخىمۇ ئوبدان مەبلەغ توپلاشقا پايدىلىق بولۇپ، نامراتلىقتىن دەل قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئوبدان قىلىشقا كۈچلۈك مەدەت بولىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە ئالاقىدار سىياسەت لايىھەسىنى تېخىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرىشىمىز كېرەك.

    مەنبەسى :جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك