• داڭلىق رىياسەتچى نىغمەت:ياشلار بىرنەچچە مەيدان «مۇھاببەتلىشىش»كېرەك (ۋىدىئو)

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-13 12:57
  • داڭلىق رىياسەتچى نىغمەت:ياشلار بىرنەچچە مەيدان «مۇھاببەتلىشىش»كېرەك (ۋىدىئو)

    ئەلكۈيى تورى مەخسۇس خەۋىرى: بۈگۈن دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ، ئەڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇ شىنخۇا ئاگنېتلىقى «يېڭى ياش» پروگراممىسىدا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تالانتلىق رىياسەتچىسى نىغمەت ئابدۇراخماننىڭ «ياشلار كۆپرەك ئىزدىنىپ ، بىر نەچچە مەيدان داغدۇغىلىق مۇھاببەتلىشىشى كېرەك» تېمىسىدىكى نادىر ۋىدىئولۇق نوتۇقى تارقىتىلىپ ، ھەر مىللەت ياشلىرىنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشتى ، ئەلكۈيى تورى بۈگۈن ئېلان قىلىنغان بۇ نوتۇقنىڭ ئەسلى ۋىدىئوسىنى  ئاستىغا ئۇيغۇرچە خەتلىك مەزمۇننى كىرگۈزگەن ھالدا تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سونۇپ ، كۆپچىلىكنى نىغمەتتىن ئۆگىنىشكە چاقىردى.
     كۆپچىلىك ئۇنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا كىرگەندە <<شياۋنى ) دەپ چاقىرىشقا باشلىغان ، ئۇ شۇ چاغدا ئەمدىلا 23 ياشقا كىرگەن ئىدى.ھېلىھەم ئۇنى باشقىلار (شىياۋ نى ) دەپ چاقىرىدۇ ، بىراق ئۇ ھازىر ئاللىقاچان 35 ياشقا كىردى .


    مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى پېشقەدەم رىياسەتچىلەر ئاستا-ئاستا ئايرىلغاندىن كېيىن، بىر تۈركۈم يېڭى ياشرىياسەتچىلەر بۇ يەرنىڭ تايانچىغا ئايلاندى. شىنجاڭلىق ياش يىگىت نىغمەت مانا مۇشۇنداق مۇنەۋۋەر رىياسەتچىلەرنىڭ بىرسى.


    نىغمەت ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، ئاتىسى راخمان مامۇت بولسا داڭلىق ئەدەبىي تەرجىمان.

    نىغمەت ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا شىنجاڭ بويىچە ئىككىنچى بولۇشتەك يۇقىرى نەتىجىسى بىلەن جۇڭگو ئاخباراتئۇنۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان.

    نىغمەت ئەڭ دەسلەپ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد قانىلىنىڭ «开心辞典» پىروگراممىسىغا رىياسەتچىلىكقىلغان، كېيىن فاڭچۇڭ بىلەن «全家总动员» پىروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.


    نىغمەت ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە، سۈرەتتىن نىغمەتنىڭ چىرايىنىڭ ئەسلىدە كېلىشكەن دادىسىنى تارتقانلىقىنىكۆرۈۋالالايمىز.




    ئىسىم -فامىلىسى: نىغمەت ئابدۇراخمان

    تۇغۇلغان ۋاقتى: 1983-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى

    كەسپى: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ياش تالانتلىق رىياسەتچىسى

    ئېگىزلىكى: 178 سانتىمېتىر

    ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: بېيجىڭ

    پۈتتۈرگەن مەكتىپى: بېيجىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى (传媒大学)

    ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكا: جاز مۇزىكا، مودا بولۇۋاتقان، كىشىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىدىغان مۇزىكىلار

    ئەڭ ياقتۇرىدىغان كىتاب: تىراگېدىيە بىلەن ئاخىرلىشىدىغان مۇھەببەت ھېكايىسى

    ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە: ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا قەدەم بېسىشىم.

    ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى: ئاكتىپ بولغان تۇرمۇش قارىشى، ئالدىراش خىزمەت مۇھىتى، ئەركىن -ئازادە دەم ئېلىش ۋاقتى




    مۇۋەپپەقىيەتلىرى:


    2002-يىلى «يېڭى نوتا لوڭقىسى» ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار رىياسەتچىلىك مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن. شىنجاڭ بويىچە خەنزۇ تىل يېزىقىدا ئوقۇغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار بويىچە ئىككىنچى بولۇپ، جۇڭگو ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «دىكتور-رىياسەتچىلىك» كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان.

    2006يىلى جۇڭگو ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىقتىساد قانىلى «كۈندە بىر ھەمكارلاشقۇچى» پىروگراممىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە ئۈچ A دەرىجىسىگە ئېرىشكەن.

    2006-يىلى «خۇشاللىق لۇغىتى» پىروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.



    2006-يىلى «ئائىلە يىغىلىشى» پىروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.

    2007-يىلى ئىقتىساد قانىلى 5-ماي ئالاھىدە پىروگراممىسى «يەتتە كۈندە زور ئۇتۇق» پىروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.

    2009-يىلى  «ئائىلە يىغىلىشى» پىروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.

    2009-يىلى 3-ئايدا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 3-يۈرۈش قانىلىدا «رىياسەتچىلەرگە جەڭ ئېلان قىلىش» پىروگراممىسىغا ئالاھىدە مېھمان سالاھىيىتىدە تەكلىپ قىلىنغان.

    2009-يىلى 4-ئايدا، چىڭخەيگە يېرىم يىللىق ئۆگىنىشكە بارغان.

    2009-يىلى 7-ئايدا، ئۆگىنىش جەريانىدا «خۇشاللىق لۇغىتى» پىروگراممىسى ئۈچىنچى يۈرۈش قانىلىغا ئۆزگەرگەن.

    2009-يىلى 10-ئايدا، بېيجىڭغا قايتىپ كېلىپ، داۋاملىق «خۇشاللىق لۇغىتى» پىروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.

    2010-يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە قانىلى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، «ھايۋاناتلار خۇشاللىقى» پىروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.



    2011-يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ باھار بايرىمىلىق ئالاھىدە پىروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.

    2011-يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «ياخشى ناخشىنى كۈندە ئېيتايلى» پىروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.

    2011-يىلى 9-ئايدا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ لۇخا لوڭقىسى تېلېۋىزىيە ئېتۇت مۇسابىقىسىدە، داڭلىق رىياسەتچى ۋاڭ گۇەن بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلغان.

    2011-يىلى 12-ئايدا، يېڭى يىللىق ئالاھىدە پىروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.


    2012-يىلى 7-ئايدا، لى سىسى بىلەن بىرلىكتە «ياڭراق ئەكس سادا » پىروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.

    2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 3-يۈرۈش قانىلىدا «ئېچىلغان ئىشىكتە ئامەت بار» پىروگراممىسىغا ئۆزى يالغۇز رىياسەتچىلىك قىلغان.


    2013-يىلى لى سىسى بىلەن مەملىكەتلىك 15-قېتىملىق ياش ناخشىچىلار تېلېۋىزىيە مۇسابىقىسىگە رىياسەتچىلىك قىلغان.

    2014-يىلى «جۇڭگودىكى ياخشى ناخشا» پىروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.

    2015-2016-يىلىدىكى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە رىياسەتچىلىك قىلدى.


    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك