• ئابدۇسەمى ئەركىن بىلەن ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش پروگراممىسىدا سۆھبەت(تولۇق فىلىم)

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-14 09:40
  • ئابدۇسەمى ئەركىن بىلەن ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش پروگراممىسىدا سۆھبەت(تولۇق فىلىم)


    2018-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 21:00دىن دىن 22:30غىچە،  توردا نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىشنى ئاساس قىلغان ، ھېچقانداق ئالدىن كىلىۋېلىش ، قايتا -قايتا كىسىپ رەتلەش، ئالدىن تەييارلىق قىلىش بولمايدىغان ، تەبىئىيلىك ۋە تورداشلار بىلەن ئەڭ يېقىن ئارلىقتا تورۇپ يۈز كۆرۈشۈشنى مەقسەت قىلىپ ، يېڭىچە تور دەۋرىدىكى ئەلكۈيى تورى بىۋاستە تارقىتىش ئالاھىدە پروگراممىسىنىڭ بۇ قېتىملىق  يېڭى سانىغا ئۆزىنىڭ «ئانام چىرايلىق» ناملىق ناخشىسى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ئالاھىدە ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشكەن ، تېرىشچانلىقى ۋە تالانتى بىلەن ياشلىرىمىزنىڭ ئۈلگىسى بولىۋاتقان ، بىر قانچە كۈن ئاۋال 2018-يىللىق ئەڭ يېڭى ناخشىلىرىنى ئاساس قىلغان «ئانام چىرايلىق» نامىدىكى سۈرەتلىك ناخشا پىلاستىنكىسىنى بازارغا سالغان ياش ناخشىچى ئابدۇسەمى ئەركىننى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى ، يېڭى ناخشا پىلاستىنكىسىدىكى ئالاھىدىلىك ، بۇ قېتىملىق يېڭى ناخشىلىرىنىڭ سۈرەتلىك كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئىشلىنىش جەريانلىرى ھەققىدە تورداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىملىق پروگراممىنى داڭلىق چولپان ئەرفا ئارسلان ئوبراز ۋاكالەتچىسى بولغان «ھالقىش سېغىزلىرى» ئالاھىدە قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.




    زىيارەت جەريانىدا پىلاستىنكا ئىشلەش جەريانىدىكى كۆرۈنۈشلەر ، پىلاستىنكىنىڭ نادىر ناخشىلىرىدىن ئارىيەلەر ، ئاخبارات ئېلان قىلىش نەق مەيدانىدىكى ھاياجانلىق مىنۇتلار ۋە جەمئىيتىمىزدىكى ھەرساھە زاتلارنىڭ ئابدۇسەمىگە بولغان يۈرەك سۆزلىرى ۋىدىئولۇق چاستوتا شەكلىدە پروگرامما جەريانى مۇناسىپ ئورۇنلىرىدا تەڭ ئېلان قىلىندى ، تورداشلار ئابدۇسەمى ئەركىن بىلەن تېخىمۇ يېقىن ئارلىقتا جەم بولدى . ئابدۇسەمىنىڭ نەق مەيداندا مۇزىكىسىز ئورۇنلاپ بەرگەن ناخشىلىرىدىن زوق ئالدى ۋە تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە بىنائەن ئابدۇسەمى ئۆزىنىڭ 2018-يىللىق ئەڭ يېڭى پىلاستىنكىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇسۇللۇق ناخشىسىنى ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش سەھنىسىدە ئورۇنلاپ كۆرۈرمەنلەر تېخىمۇ خوش قىلىۋەتتى.





    زىيارەت جەريانى ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش زالىدىن ھېچقانداق ئۆزگەرتىلمىگەن ، بىۋاستە تارقىتىلغان ھالەتتە ئەلكۈيى يانفۇن ئەپ دىتالى ، ئەلكۈيى ئۈندىدار سالونى ۋە ئەلكۈيى تور بېكىتى ئارقىلىق تورداشلارغا دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈلدى.سۆھبەت جەريانىدا ئابدۇسەمىنىڭ ياخشى دوستى ، يىتىلىۋاتقان ياش ناخشىچى ، مۇزىكا ئۈنئالغۇچى، ئۈنۈملىگۈچى پەرھات غېنى ئابدۇسەمىنىڭ يېڭى پىلاستىنكىسىدىكى ناخشىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۈنگە ئېلىش جەريانلىرىدىكى تەپسىلاتلارنى تورداشلارغا سۆزلەپ بەردى .





    بۇ قېتىملىق پروگراممىنى بىۋاستە تارقىتىش نەق مەيدانىدىن ئاخىرلاشقۇچە بولغان بىر يېرىم سائەتكىچە  50مىڭدىن ئارتۇق تورداش بىرلىكتە كۆردى.نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ ۋاقتى ئۇدۇل كەلمەسلىك سەۋەبلىك ۋاقتىدا كۆرەلمەسلىك ۋە بۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ قايتىلانمىسىنى كۆرۈش ئارزۇسى بار كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە بۈگۈنكى سۆھبەتنىڭ قايتىلانما تولۇق جەريانى ئوخشاشلا ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى ئۈندىدار سالونى ، ئەلكۈيى يانفۇن ئەپ دىتالى ۋە ھەرقايسى سالون ، تور بېكەت ، تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.


    بىز ئاخىرىدا ئەلكۈيى تورى ۋە بارلىق كۆرۈرمەنلەرگە ۋاكالىتەن «ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش پروگراممىسى»نى ياقتۇرۇپ كۆرىۋاتقان كۆرۈرمەنلىرىمىزگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرۋاقىتتا ، ياش ناخشىچى ئابدۇسەمى ئابلىكىمنىڭ يېڭى پىلاستىنكىسىنى مۇبارەكلەيمىز.

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك