• ئېلىمىز ئىنتېرنېت كاتتىباشلىرى قانداق خىزمەتچىلەرنى ياقتۇرىدۇ؟

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-14 03:09
  • ئېلىمىز ئىنتېرنېت كاتتىباشلىرى قانداق خىزمەتچىلەرنى ياقتۇرىدۇ؟

    ئالدىنقى بىر مەزگىلدە توردا مۇنداق بىر ئىش مۇنازىرە قوزغىدى. ئەلى بابا گۇرۇھى ېېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر ماگىستىر ئاسپىرانتىنى تەكلىپ قىلىشنى رەت قىلغان. قائىدە بويىچە، ماگىستىر ئاسپىرانت يۇقىرى ئوقۇش تارىخى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتىنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى چوقۇم ناھايىتى يۇقىرى، ئۇنداقتا ئەلى بابا نېمە ئۈچۈن ئۈنى رەت قىلىدۇ؟ ما يۈن بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «بۇنداق كىشىلەرنىڭ ھېسىي بۆلۈنمىسى ناھايىتى تۆۋەن!» تورداشلار مۇنداق دېيىشكەن: «كەچۈرمىش ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى ئەڭ مۇھىم!»

    ئەمەلىيەتتە ئەلى بابادا ئوقۇش تارىخى يۇقىرى كىشىلەر ئاز ئەمەس، ما يۈنمۇ ئىلگىرى ئەلى بابانىڭ دىپلومغا ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان، چۈنكى ئەلى بابا دەسلەپتە مەجرۇھ بولمىسىلا ھەممىسىنى قوبۇل قىلغان، ئەلى بابا قوبۇل قىلغان كىشىلەر ئىككى خىل: بىرى ئەخلاقى ياخشىلار، يەنە بىرى، ئۆگىنىش ئىقتىدارى مۇنەۋۋەرلەر، گەرچە چوڭ يۈزلىنىشى جەھەتتە ئوقۇش تارىخى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ئىقتىدارى ۋە ساپاسى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن بەزى ئوقۇش تارىخى يۇقىرى كىشىلەر يۇقىرىقى ئىككى شەرتنى ھازىرلىيالمايدۇ. شۇڭا ئۇ شاللىۋېتىلگەن. 

    ما يۈن ھېسىي بۆلۈنمىسى يۇقىرى كىشىلەرنى ياقتۇرىدۇ، ئۇنداقتا ليۇ چياڭدوڭچۇ؟ ھەممىمىزگە ئايان ليۇ چياڭدوڭ جىڭدوڭنى قۇرۇشتىن بۇرۇن تېز يەتكۈزگۈچى ئىدى، ئۇ يېزىدا تۇغۇلغان بولغاچقا خاتىرجەم قېتىرقىنىپ ئىشلەيدىغان، جاپانى خالايدىغان، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەيدىغانلارنى ياقتۇرىدۇ، ليۇ چياڭدوڭ ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «جىڭدوڭ قابىلىيەتلىك ئىستراتېگىيەچىلەرگە ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرگە موھتاج.»

    بەلكىم ليۇ چياڭدوڭنىڭ تېز يەتكۈزگۈچى بولغانلىق كەچۈرمىشى بار بولغاچقا، ئاساسىي قاتلامدىكى تېز يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا خىزمەتچىلىرىمۇ جاپادىن باش تارتماي بۈگۈنكى جىڭدوڭ ۋۇجۇتقا كەلگەن.

    ما خۇاتېڭ ئەسلى پىروگراممىچى بولغاچقا، چوقۇم تېخنىكلارغا باشقىچە مىھرى بار، لېكىن ما خۇاتېڭ كوللېكتىپنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەينى يىلى ما خۇاتېڭ ئەمدىلا ئىگىلىك تىكلىگەندە ئاساسلىق مەبلەغنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆزى چىقارغان، لېكىن ئۇ ئۆزى خالاپ ئىلىكىدىكى پاي چېكىنى ئومۇمىي پاي چېكىنىڭ يېرىمدىن ئازايتقان، ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ پاي چېكىنىڭ يىغىندىسىنى مېنىڭكىدىن كۆپ بولسىكەن، مونوپول ۋە ھاكىممۇتلەق ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قالمىسىكەن دەيمەن.» شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ يەنە ئاساسلىق مەبلەغنى چىقىرىپ چوڭ پايچىكى بولغان. «ئەگەر بىر يول باشلايدىغان سەركە بولمىسا، پاي چېكىنى تەڭ بۈلۈشىۋالساق، ۋاقتى كەلگەندە ئوخشاشلا تۈگىشىمىز.»

    مۇشۇنداق بولغاچقا، تېڭشۈن ئىزچىل مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، ھازىرقى پەن-تېخنىكا ماگناتىغا ئايلىنالىدى. 

    ئۇنداقتا، سىز قايسى خىل خىزمەتچىگە تەۋە ئىكەنسىز؟


    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك