• تۇغقانلىرىڭىز ئايلىق مائاشىڭىزنى سورىسا نېمە دەپ جاۋاب بېرىسىز؟

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-14 03:40
  • تۇغقانلىرىڭىز ئايلىق مائاشىڭىزنى سورىسا نېمە دەپ جاۋاب بېرىسىز؟

    چاغان كېلىپ قالدى، نۇرغۇن ئائىلىدە ئۇرۇق-تۇغقانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ چاغاننى تەبرىكلەيدۇ، ئەلۋەتتە تۇغقانلارنىڭ بىللە تۇرۇپ يۈز كۆرۈشمىكى ئاسان ئىش ئەمەس، ئەمما بەزى ئۇرۇق-تۇغقانلار سىز بىلەن يۈز كۆرۈشكەندە سىزگە كۆڭۈل بۆلگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ سىزنىڭ ئانچە يۈرۈشمەيۋاتقان ئىشلىرىڭىزنى تارتىپ چىقىرىپ سىزنىڭ «يېغىرىڭىزنى تاتىلايدۇ». بۇنداق «ساختا ئۇرۇق-تۇغقانلار» ھەممىمىزنىڭ جەمەتىدە بىرەردىن بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «يول تېپىپ كەتكەن» بالىلىرىنى ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارىسىدا كۆز-كۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئائىلە تەربىيەسىدىن ماختىنىدۇ.  

    بەزىدە مۇشۇنداق «كۆڭۈل بۆلۈش» پىسخىكىسىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلار سىزدىن ئەھۋال سورىدىمۇ، بولدى، شۇ كۈنلۈك كەيپىياتىڭىز بەئەينى «چىۋىن يەۋالغاندەك» بولۇپ قېلىشىغۇ تەبىئىي ئەھۋال. ئۇلار ئادەتتە ھەممەيلەن ئولتۇرغان سورۇندا ئۈنلۈك ئاۋازدا سىزدىن «ئالاھىدە» ئەھۋال سورايدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇلار سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزدىن ئاللىقاچان خەۋەردار، ئۇلارنىڭمۇ سىز بىلەن تەڭتۇش «مۇۋەپپەقىيەت قازانغان» بالىلىرى بار. ئۇلار بۇنداق سوئال سورىغاندا جىم تۇرۇۋېلىشنىڭ ئورنى يوق، جاۋاب بەرگۈدەك سوئاللار بولسا جاۋاب بېرىپ قويغۇلۇق. تۆۋەندە