• نوكىيانى بىر قوللۇق ۋەيران قىلغان «جاسۇس CEO» ستېفېن ئېلوپ

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-14 03:55
  • نوكىيانى بىر قوللۇق ۋەيران قىلغان «جاسۇس CEO» ستېفېن ئېلوپ

    نوكىيا ئەڭ گۈللەنگەن چاغلاردا، دۇنيادا ما يۈننى تونۇمايدىغانلار كۆپ ئىدى، لېكىن نوكىيا يانفونىنى ئىشلىتىپ باقمىغانلارنى يوق دېيەرلىك دېيىشكە بولاتتى. 

    لېكىن ستېفېن ئېلوپ ئىسىملىك بىر كانادالىق كىشى نوكىيانى بىر قوللۇق ۋەيران قىلدى، ئۇ دەل نوكىيانىڭ سابىق باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، لېكىن ئۇ قارىماققا بىر «جاسۇس CEO»غا بەكرەك ئوخشايدۇ. 

    2005-يىلى، ئۇ Macromediaنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئىدى، شۇ يىلى Adobe بۇ شىركەتنى سېتىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ Adobeنىڭ باش تىجارەت ئەمەلدارىغا ئايلاندى. 

    2008-يىلى، مىكروسوفتنىڭ كۆزى چۈشۈپ، ئۇنى كەسىپ تارمىقىنىڭ لىدىرلىقىغا تەيىنلىدى. ئۇ 2010-يىلى Office 2010 تەتقىقات تۈرىگە رەھبەرلىك قىلدى. 

    2010-يىلى، ئالمىنىڭ نادىر يانفونى iPhone 4 ئېلان قىلىندى، مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمىگەن سامسۇڭ كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان i9000نى ئېلان قىلىپ، سىزىمچان ئېكرانلىق يانفون دەۋرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلىدى. 

    سامسۇڭ i9000

    2010-يىلى سېنتەبىردە، بېسىم ئاستىدا خۇدۈكسىرىگەن نوكىيا ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلىپ، ستېفېن ئېلوپنى نوكىيانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن نوكىيانىڭ قاباھەتلىك چۈشى باشلاندى.

    2010-يىلى، نوكىيا يەنىلا يانفون ساھەسىنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇپ، پۈتۈن بىر يىلدا %30لىك مال چىقىش مىقدارىنى ئىگىلىگەن ئىدى. لېكىن ستېفېن ئېلوپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ بىر يىلدىن كىيىن، نوكىيانىڭ بازار ئۈلۈشى %27 كە چۈشۈپ قالدى. 2012-يىلى داۋاملىق تۆۋەنلەپ %18 كە چۈشۈپ قالدى. شۇ يىلى سامسۇڭ نوكىيانىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى، ئالمىمۇ ئىز بېسىپ قوغلاپ كەلدى. 

    «يېڭى ئەمەلدار ئۈچ ئىسلاھات قىلار» دېگەندەك، ستېفېن ئېلوپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئىككى ئايدىن كېيىن، شىركەتتە 5000 خادىم قىسقارتىشنى قارار قىلدى، بۇ نوكىيانىڭ ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى خادىم قىسقارتىشى ئىدى. 

    ستېفېن ئېلوپ ناھايىتى تېزلا ئىككىنچى ئىشىنى باشلىدى، ئۇ نوكىيانىڭ سابىق باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Kallasvuo تۈزگەن ئاندرويىد يانفونى لايىھەسىنى چۆرۈپ تاشلىدى. ئەينى ۋاقىتتا Symbian سىستېمىسى زاماندىن قالغان بولۇپ، سىستېمىنى يېڭىلايدىغان ۋاقىت كەلگەن ئىدى. نوكىيانىڭمۇ تاللىشى كۆپ ئىدى، تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلگەن ئاندرويىد سىستېمىسى ۋە ئىنتېل بىلەن بىرگە تەتقىق قىلغان Meego سىستېمىسىنى تاللىسا بولاتتى. قايسى يولنى تاللىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاز دېگەندىمۇ ئون يىل ئىچىدە يانفون بازىرىغا داۋاملىق ھۆكۈمران بولالايتى. لېكىن ستېفېن ئېلوپ ئۆزىنىڭ سۆزىنىلا يورغىلىتىپ، جاھىللىق بىلەن مىكروسوفت بىلەن ھەمكارلىشىشنى قارار قىلدى. 

    2011-يىللىق بارسېلونا MWC تېلېگراف كۆرگەزمىسىدە، ستېفېن ئېلوپ ئاندىرويىد بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلىپ، ھەممىنى ھەيران قالدۇردى، بۇ شۇ يىللىق MWC تېلېگراف كۆرگەزمىسىدىكى باش خەۋەرگە ئايلاندى. 

    ستېفېن ئېلوپنىڭ مىكروسوفت بىلەن ھەمكارلىشىشنى قارار قىلغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كىيىن، نوكىيانىڭ پاي چېكى باھاسى چۈشۈپ كەتتى ھەم 1998-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەنى ياراتتى. 

    ستېفېن ئېلوپ تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇش ئۈچۈن ئۈچىنچى ئىشىنى باشلىدى، 2011-يىلى فېۋرالدا، ئەيلوپ ئىنتېل بىلەن بىرگە تەتقىق قىلغان Meego سىستېمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، نوكىيانى ئۈزۈل-كېسىل بارسا كەلمەس يولغا مېڭىشقا قىستىدى. Symbian سىستېمىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى قىسقارتىلدى، Meego تاشلىنىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن نوكىيا مىكروسوفتقا مەھكەم باغلىنىپ قالدى. 

    ستېفېن ئەيلوپنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا، ئۈچ يىل بۇرۇن يانفون بازىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم ئۈلۈشىنى ئىگىلەيدىغان، يانفون كەسپىنىڭ ھۆكۈمرانى نوكىيا ناھايىتى تېزلا زاۋال تېپىپ، ئەڭ ئاخىرىدا مىكروسوفتنىڭ نوكىيانى تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

    تېخىمۇ كۈلكىلىك يېرى شۇكى، نوكىيانى ۋەيران قىلغاندىن كېيىن، ستېفېن ئېلوپ نوكىيا ئۇنىڭغا بەرگەن ئالتە مىليون دوللار ئىمزا قويۇش ھەققىگە ئېرىشتى، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا يەنە 25 مىليون 400 مىڭ دوللار توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلىغا ئېرىشتى ھەم مىكروسوفتقا قايتىپ داۋاملىق مۇئاۋىن لىدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. 

    بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر نوكىيانى ئۇنتۇپ كەتتى، مىكروسوفتنىڭ WINDOW PHONE سىستېمىسىمۇ مەغلۇپ بولدى، بۇ «جاسۇس CEO» ھەقىقەتەن بوش ئەمەس ئىكەن. 

    مەنبەسى :تېڭشۈن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك