• قەغەز كىتاب-ژۇرناللار ئون يىل ئىچىدە تارىخقا ئايلىنىشى مۇمكىن

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-15 01:21
  • قەغەز كىتاب-ژۇرناللار ئون يىل ئىچىدە تارىخقا ئايلىنىشى مۇمكىن

    ھازىر سان-سېفىر دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز، كەلگۈسى خەۋەر باسمىچىلىقىنىڭ قانداق ئىشلىتىلىشى بار؟ نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارك تومسون ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ نەشىر بۇيۇملار بەلكىم قىسقىغىنە ئون يىل ئىچىدە سېفىرلىق ھالەتكە ئۆزگىرىشى مۇمكىن. ئۇ بىر قېتىملىق CNBC چۈشلۈك تاماق يىغىنىدا بىلدۈرىشىچە، ئۇ مەتبەئە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىدا يەنە ئون يىل مەۋجۇد بولۇپ تۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. ئۇ مەتبەئە مەھسۇلاتلىرىنىڭ داۋاملىق مەۋجۇد بولۇشى ۋە گۈللىنىشىنى ئۈمىد قىلسىمۇ، لېكىن ئەنئەنىۋى مەتبەئە مەھسۇلاتلىرى مەھشەر كۈنىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى ئېتراپ قىلىدىكەن.

    نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارك تومسون ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىز پەقەت مەتبەئە نۇسخىنىڭ پايدىسى تەننەرخنى بېسىپ كېتەلمىگەن ۋاقىتتا، ئىقتىسادشۇناشلىق ئىلمىگە ئاساسەن مەتبەئە نۇسخىدىكى نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ قاچان يوقۇلىدىغانلىقىنى قارار قىلىمىز.

    نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ پىلانى بولسا ئامالنىڭ بارىچە ساداقەتمەن باسما نۇسخىدىكى گېزىتنىڭ ئوقۇرمەنلىرىگە مۇلازىمەت قىلىش ئىكەن. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سېفىرلاشقان كەسىپنى قۇرۇپ چىقىدىكەن. شۇنداق قىلغاندىلا مۇۋاپپىقىيەتلىك تەرەققىي قىلىۋاتقان شىركەت ۋە مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ئاخبارات كەسپى بولالايدىكەن.

    نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ئالدىنقى پەسىلدە 157 مىڭ نەپەر يېڭى ئوقۇرمەنگە ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەتبەئە نۇسخىنىڭ مۇشتەرى سانى نىسپىي مۇقىم بولغان. سېفىرلىق مۇشتەرى سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51 ئاشقان، ئومومىي زاكاس كىرىمى %19.2 بولغان. 2017-يىلى تۆتىنچى پەسىللىك ئومومىي كىرىم ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلگە قارىغاندا %10 ئېشىپ 484 مىليون 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان. تومسوننىڭ بىلدۈرىشىچە كىرىم تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرىدىن ئېشىپ كەتكەن.

    مەنبەسى :nur,cn


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك