• جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى كېلەر يىلى 5G مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىدى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-19 11:28
  • جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى كېلەر يىلى 5G مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىدى

    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى 2019-يىلى ئىستېمالچىلارنى 5G مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىغان، بۇ پىلان ئەسلىدە بېكىتىلگەن 2020-يىلى بۇ مۇلازىمەتنى يولغا قويۇش پىلانىدىن بىر يىل ئىلگىرى، شۇ چاغدا جۇڭگو يانفون ئابونتلىرى يېڭى بىر ئەۋلاد كۆچمە تورنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىگە شاھىد بولالايدۇ. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى يېقىندا ئەڭ يېڭى «قاتلاملارغا بۆلۈش ۋە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈش تور تېخنىكىسى»نى ئىشلەتتى، بۇ تېخنىكا خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭ تور قۇرۇلمىسى، بەلباغ كەڭلىكى، ئېقىم مىقدارى ۋە ۋاقىتنىڭ ماس قەدەملىكىنى باشقۇرۇشىغا ياردەملىشىپ، 5G تورىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

    «قاتلاملارغا بۆلۈش ۋە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈش تور تېخنىكىسى» 5G تورىنىڭ يادرولۇق تېخنىكىسى دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، ئۇ مەشغۇلاتچى خادىملارنىڭ ئۈنۈملۈك ھالدا ئالاھىدە قوللىنىشچان پروگراممىدا تورنىڭ مەلۇم قىسىملىرىنى ئايرىۋېتىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ دېيىشىچە، SPN تېخنىكىسى ۋە ئەۋرىشىم تورنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشى يەتكۈزۈش قاتلىمىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى ئارىسىدىكى مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە دەرىجە قاتلاملىرىنى ئايرىشقا كاپالەتلىك قىلىدىكەن. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارمىقىدىكى خەلقارا تېلېگراف بىرلەشمىسىنىڭ SPNنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار يەنە قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال ئۆلچەش شىركىتى Viaviنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، تور ئۈسكۈنىلىرى ياساش شىركىتى، ئۆزەك ئىشلەش خادىملىرى ۋە سىمسىز سىگنال تارقىتىش قوبۇل قىلىشىش ئۈسكۈنلىرى شىركىتى ئىشلىتىدىغان ئورتاق سۇپا قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. 

    Viavi شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مۇنداق دەيدۇ: «جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ 2019-يىلى يىل ئاخىرىدىن ئىلگىرى 5G تور مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن SPNنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسلىق تېخنىكىلارنى خەلقارا تېلېگراف بىرلەشمىسى ئۆلچەملەشتۈرۈشى كېرەك. بىز ئۆزىمىزنىڭ سىناش تېخنىكىسىنى ئاللىقاچان يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بۇ نىشاننىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇق. بىز جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنى ئەڭ ياخشى لايىھە بىلەن تەمىنلىدۇق، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش ئېكولوگىيە سىستېمىسىدىكى ھەمكارلاشقۇچىلارنىمۇ مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان تور ئاساسىي ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەيمىز».

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك