• شىئەن 9-مەركىزىي شەھەر بولدى: دۆلىتىمىزدە يەنە قايسى مەركىزىي شەھەرلەر بار؟

  • يوللىغۇچى : دىلبايان
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-20 03:17
  • شىئەن 9-مەركىزىي شەھەر بولدى: دۆلىتىمىزدە يەنە قايسى مەركىزىي شەھەرلەر بار؟

    دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا «ئوتتۇرا شەنشى تۈزلەڭلىكىدىكى شەھەر توپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «ئوتتۇرا شەنشى تۈزلەڭلىكىدىكى شەھەر توپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى»نى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى كۆپ، بىراق شىئەننىڭ مەركىزىي شەھەر بولۇپ قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇنىڭ ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغان يېرى ھېسابلىنىدۇ، بۇ شىئەننىڭ پات ئارىدا رەسمىي ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە دۆلەت مەركىزىي شەھىرىنىڭ دەرىجىسى بەكلا يۇقىرى، ھازىرغا قەدەر شىئەننى قاتقاندا پەقەت توققۇز شەھەر دۆلەتنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرى قاتارىغا كىردى. سۈرەتتە: شىئەن

    سۈرەتتە: دۆلەتنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرى

    دۆلەتنىڭ مەركىزىي شەھىرى دېگەن نېمە؟ بۇ ئىسىم نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن ناتونۇش، چۈنكى ئۇ مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەر، پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەر قاتارلىق ئىسىملار بىلەن سېلىشتۇرغاندا كېچىكىپ پەيدا بولغان، 2005-يىلىدا ئاندىن دۆلەتنىڭ مەركىزىي شەھىرىنى قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان، دۆلەتنىڭ مەركىزىي شەھىرى دېگىنىمىز شەھەر-بازار سىستېمىسىدا ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان شەھەر-بازار قاتلىمىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى ئۇنىڭ ئورنى ئىنتايىن يۇقىرى. ئۇنداقتا دۆلىتىمىزدە يەنە قايسى مەركىزىي شەھەرلەر بار؟ بىز بىللە كۆرۈپ باقايلى:

    دۆلىتىمىز 2010-يىلى بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، چۇڭچىڭدىن ئىبارەت بەش شەھەرنى دۆلەتنىڭ مەركىزىي شەھىرى دەپ ئېلان قىلدى. بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە گۇاڭجۇنى قايتا تىلغا ئالمايلا قويايلى، ئۇلار قانداقلا يىرىك پىلاندا بولسۇن، ئوخشاشلا كەم بولمايدۇ. تۆۋەندە تيەنجىننى تونۇشتۇرىمىز:

    تيەنجىن شىمالدىكى خەلقئارا دېڭىز تىرانسپورت مەركىزى ۋە خەلقئارا ئوبوروت مەركىزى، ئۇ جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى ئېنىق قۇرۇلغان ۋاقتى بار بىردىنبىر شەھەر، ئۇ 1404-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى قۇرۇلۇشقا باشلىغان، ھازىرغا قەدەر 600 نەچچە يىل بولدى. سۈرەتتە: تيەنجىن

    چۇڭچىڭنىڭ قوش خۇشاللىق دېگەن مەنىسى بار، ئۇ بۇرۇن گۇڭجوۋ دەپ ئاتىلاتتى. چۇڭچىڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئورنىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن، مىنگو ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە يەنە قوشۇمچە پايتەخت قىلىنغان، كېيىن بەزىدە سىچۈەنگە تەۋە بولسا، بەزىدە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بولغان، 1997-يىلىغا كەلگەندە، چۇڭچىڭ قايتىدىن بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە ئايلاندى. سۈرەتتە: چېڭدۇ

    2016-يىلى 5-ئايدا، دۆلىتىمىز يەنە چېڭدۇنى دۆلەتنىڭ مەركىزىي شەھىرى دەپ تەستىقلىدى. بۇنىڭ بىلەن غەربىي جەنۇب رايونىدا بۇنداق يېقىن ئارىلىقتا دۆلەتنىڭ ئىككى مەركىزىي شەھىرى بولدى. چېڭدۇ ۋە چۇڭچىڭ مۇھەببەت ۋە نەپرەتكە تولغان ئاشىق-مەشۇقلاردەكلا ناھايىتى قىزىقارلىق، چۈنكى تارىختا چۇڭچىڭ كۆپ ۋاقىتلاردا سىچۈەننىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە تەۋە بولغان، ئۇنىڭ يېقىنقى زاماندا ئاندىن ھەقىقىي تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى يەنىلا چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن. شۇڭا ئارىلىقى شۇنچىۋالا يېقىن چۇڭچىڭ بىلەن چېڭدۇ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كۆپىيىپ قالغان، ئىككىلا تەرەپ قارشى تەرەپنى كۆزگە ئىلمىغان، ئەمەلىيەتتە چۇڭچىڭنىڭ ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكى بولسا، چېڭدۇنىڭمۇ ئورۇن ئەۋزەللىكى بار بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى. سۈرەتتە: چېڭدۇ ۋە چۇڭچىڭ

    2016-يىلى 12-ئايدا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى رەسمىي ئالاقە ئەۋەتىپ، ۋۇخەننىڭ دۆلەتنىڭ مەركىزى شەھىرى بولۇشىنى قوللىدى. ۋۇخەن خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرى، ئۇ ئەمەلىيەتتە ۋۇچاڭ، خەنكوۋ ۋە خەنياڭدىن ئىبارەت ئۈچ شەھەرنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق قۇرۇلغان بولۇپ، داڭلىق ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى دەل مۇشۇ يەردە يۈز بەرگەن ئىدى. ۋۇخەن شەھىرى قەدىمكى چۇ مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى، ئۇنىڭدا يەنە ئالىي مەكتەپلەر بەك كۆپ، ۋۇخەندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سانى مەملىكەت بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدۇ. سۈرەتتە: ۋۇخەن

    2017-يىلى 1-ئايدا، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى خېنەن ئۆلكىسى جېڭجۇ شەھىرىنىڭ دۆلەتنىڭ مەركىزى شەھىرى بولۇشىنى قوللىدى.

    جېڭجۇ ئەمەلىيەتتە تارىختا نامى ئانچە چىقمىغان شەھەر، چۈنكى خېنەندە تارىختىكى داڭلىق شەھەرلەر بەك كۆپ، لوياڭ ئىزچىل تۈردە ھەر قايسى دەۋرلەردىكى داڭلىق شەھەر بولۇپ كەلگەن بولسا، 1954-يىلىدىن بۇرۇن كەيفېڭ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بولۇپ كەلگەن ئىدى.

    ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى جېڭجۇنىڭ ئىسمى توغرىسىنى ئېيتقاندا جېڭشيەن ناھىيەسى بولۇپ، كۆلىمى پەقەت 2.4 كىۋادرات كىلومېتىر، 178 مىڭ نوپۇسى بار كىچىك شەھەر ئىدى، ئۇ تۆمۈر يولغا تايىنىپ تېز تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە، 1954-يىلىدىن كېيىن خېنەن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرى بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن تەرەققىياتى تېخىمۇ تېز بولدى. سۈرەتتە: كەيفېڭ شەھىرى

    جېڭجۇدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان دۆلەتنىڭ مەركىزى شەھىرى دەل شىئەن. ئۇ غەربىي شىمال رايونىدىكى بىردىنبىر ئالاھىدە چوڭ شەھەر، غەربىي شىمال مۇشۇنداق بىر شەھەر ئارقىلىق يېتەكلەشكە ھەقىقەتەن ئېھتىياجلىق.

    سۈرەتتە: ئوتتۇرا شەنشى تۈزلەڭلىكىدىكى شەھەر توپلىرى يىرىك پىلانى

    جۇڭگونىڭ نوپۇسى كۆپ، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، كەلگۈسىدە دۆلەتنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرى تىزىملىكى داۋاملىق كېڭىيىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ھازىر شېنياڭ، چېڭداۋ، خاڭجۇ، شيامېن، نەنجىڭلارنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ مەركىزى شەھەرلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا تىرىشىۋېتىپتۇ، كېيىنكى قەدەمدە قايسى شەھەرنىڭ دۆلەتنىڭ مەركىزىي شەھىرى بولالايدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك