• ئامېرىكىلىق ئەر ئۆزىنىڭ كەلگۈسى دۇنيادىن كەلگەنلىكىنى ئېيتتى

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-20 03:22
  • ئامېرىكىلىق ئەر ئۆزىنىڭ كەلگۈسى دۇنيادىن كەلگەنلىكىنى ئېيتتى

    ئامېرىكىلىق ئېدۋارد ئىسىملىك ئەر 2-ئاينىڭ 18-كۈنى ApexTV ئارقىلىق ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ 2004-يىلى لوس ئانژىلىستىكى مەلۇم تەجرىبىخانىنىڭ مەخپىي تەجرىبىسىگە قاتناشقانلىقىنى شۇنداقلا مەزكۇر تەجرىبە تۈرىدە «زامان ساياھەتچىسى» گە ئايلىنىپ، «ئاخىرقى زامان كۈنى» دۇنياسىنى ئىزدەش ئۈچۈن مىلادى 5000-يىلىدىكى كەلگۈسى دۇنياغا بېرىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.

    ئېدۋاردنىڭ ئېيتىشىچە، مىلادى 5000-يىلىغا بارغاندا پۈتۈن دۇنيا سۇ ئاستىدا قالىدىغان بولۇپ، ئىنسانلار سۇ ئاستىدا ياشايدىكەن. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ خىيالىي توقۇلما ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مىلادى 5000-يىلىدىكى «سۇ ئاستىدىكى لوس ئانژىلىس شەھىرى» نىڭ بىر پارچە سۈرىتىنى ئىسپات سۈپىتىدە كۆرسەتكەن. ApexTV قانىلى بولسا مەخسۇس سىرلىق ئىشلار ۋە تەبىئەتتىن ھالقىغان ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان تېلېۋىزىيە قانىلى بولۇپ، بۇ قانالنىڭ نۇرغۇن مەستانىلىرى بار. مەزكۇر قانالدا ئاشكارىلانغان كۆرۈنۈشتە، ئېدۋارد ئىسىملىك بۇ ئەرنىڭ چىرايى موزايكا ئارقىلىق پۈتۈنلەي توسۇۋېتىلگەنىدى.

    ئېدۋارد ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «مەن ياغاچتىن ياسالغان غايەت زور سۇپىدا ئولتۇرۇپ بارلىق ئۆي-ئىمارەت، ماشىنىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ياغاچتىن ياسالغانلىقىنى كۆردۈم، مەن بۇ شەھەرنىڭ لوس ئانژىلىس ئىكەنلىكىنى بايقىغىنىمدا قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم. چۈنكى كەلگۈسىدە پۈتۈن يەر شارى كېلىماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى تەسىرىدە شىمالىي-جەنۇبىي قۇتۇپتىكى مۇزلۇقلار پۈتۈنلەي ئېرىپ پۈتۈن دۇنيانى سۇ بېسىپ كېتىدۇ، ئىنسانلار سۇ ئاستىدا ياشايدىغان بولىدۇ».

    گەرچە ئېدۋارد دەلىل-ئىسپات سۈپىتىدە بىر پارچە سۈرەتنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن تورداشلار ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى مازاق قىلىپ گۇمانىي پوزىتسىيەدە بولغان، بەزى تورداشلار مۇنداق دېگەن: «مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئىنسانلار كەلگۈسىدە سۇ ئاستىدا ئەمەس بەلكى ئالەم بوشلۇقىدىكى شەھەرلەردە ياشايدۇ، بۇنىڭغا پەقەت تېخنىكا ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان كىنو-فىلىم سۈرىتىنى كۆرسىتىپ قويساقلا شۇنىڭ ئۆزى يېتەرلىك ئىسپات بولالايدۇ». ApexTV قانىلىدا ئۆزىنى «زامان ساياھەتچىسى» دەپ ئاتىۋالغان كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتە بىرەيلەن ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە سەپەرگە بارغانلىقىنى، شۇنداقلا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ كېيىنكى قېتىملىق سايلامدا يەنە قايتا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغانلىقىنى، ئىنسانلارنىڭ 2020-يىلى مارسقا چىققانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك