• چاغانلىق ئەڭ تەلەيلىك ئادەم ئۈندىداردا 3429 قىزىل بولاق ئالدى

  • يوللىغۇچى : ئەكبەر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-22 01:11
  • چاغانلىق ئەڭ تەلەيلىك ئادەم ئۈندىداردا 3429 قىزىل بولاق ئالدى

    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ شېنجېندىن 21-چېسلا ئەۋەتكەن تېلېگىراممىسى، ئۈندىدار ئورگان تورى 21-چېسلا 2018-يىلى چاغان مەزگىلىدىكى ئۈندىدار سانلىق-مەلۇماتىنى ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل چاغاندا جەمئىي 768 مىليون ئادەم ئۈندىداردا قىزىل بولاق ئېتىش ئارقىلىق تىلەك بىلدۈرۈشتى، ئۈندىداردا قىزىل بولاق ئاتقان ۋە قوبۇل قىلغان ئابونتلارنىڭ سانى ئالدىنقى يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %10 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە نەنچاڭلىق بىر ئابونت جەمئىي 3429 قىزىل بولاق ئالغان بولۇپ، بۇ يىللىق چاغان مەزگىلىدىكى ئەڭ تەلەيلىك كىشى بولۇپ قالدى.

    خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەر سائەت 0 دىن 21-چېسلا سەھەر سائەت 0 گىچە بولغان ئالتە كۈن ئىچىدە، ئۈندىداردا ئۇچۇر يوللاش قېتىم سانى ئىككى تىرلىيارد 297 مىليون قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن، دوستلار چەمبىرىكىگە يوللانغان ئۇچۇر ئىككى مىليارد 800 مىليوندىن ئاشقان، ئاۋازلىق ۋە سۈرەتلىك سۆزلىشىش ۋاقىت ئۇزۇنلىقى 17 مىليارد 500 مىليون مىنۇت بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە 90 يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ئابونتلارنىڭ ئۇچۇر يوللاش نىسبىتى ئومۇمىي نىسبەتنىڭ %42.5 نى ئىگىلەپ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. 80- ۋە 70-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار 2-، 3- ئورۇندا تۇرغان.

    گۇاڭدوڭ، شەندوڭ ۋە جياڭسۇ ئۈچ ئۆلكىدىكى ئابونتلارنىڭ قىزىل بولاق تالىشىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1-، 2-، 3- بولغان. چۇڭچىڭلىق بىر يىگىت چاغان مەزگىلىدە خۇشاللىقىدا خېلى كۆپ پۇلنى قىزىل بولاق قىلىپ ئاتقان بولۇپ، بەش كۈن ئىچىدە جەمئىي 2723 يۈەن قىزىل بولاق ئاتقان.

    بۇ يىل ئۈندىداردىكى ئويۇن چاغان مەزگىلىدىكى يېڭى كۆڭۈل ئېچىش ۋاستىسىگە ئايلانغان. چاغان مەزگىلىدە ئويۇن ئوينىغان ئابونتلارنىڭ سانى سائىتىگە 28 مىليون ئادەم قېتىم بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە «سەكرەش ئويۇنى» ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئويۇن بولۇپ قالغان، ئۇندىن باشقا يەنە شىڭتۇ Wegoing، «كۆڭۈللۈك پۇرچاق قارتا ئويۇنى欢乐斗地主»، «كۆڭۈللۈك تانكا ئۇرۇشى欢乐坦克大战»، «كۆپچىلىك بىللە تاپايلى大家来找茬» قاتارلىق ئويۇنلار 2- دىن 5- گىچە بولغان، دېمەك بۇ ئۈندىدار ئويۇنلىرى سانسىزلىغان كىشىلەرگە چاغانلىق خۇشاللىق ئاتا قىلغان.

    چاغانلىق ساياھەت قىلىش، چاغانلىق ئۆز-ئارا ھېيىتلىشىشتا يول مېڭىش چوقۇم قىلىدىغان ھەرىكەت، شۇنىڭ ئۈچۈن چاغان مەزگىلىدە بارلىق ئابونتلارنىڭ ئۈندىداردا ماڭغان قەدەم سانى جەمئىي 6 تىرلىيون 43 مىليارد قەدەم بولغان. يۇرتىغا قايتىپ چاغان ئۆتكۈزگەندىن باشقا يەنە كۆپ قىسىم كىشىلەر ساياھەتكە چىقىش، سودا سارايلاردا مال سېتىۋېلىش قاتارلىقلارنى تاللىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا پورتمال ئالماي ئۈندىداردا ھەق تاپشۇرۇش پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان. جۇڭگو شياڭگاڭ بۇ يىل چاغانلىق مال سېتىۋېلىشتىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن جاي بولۇپ، تايلاند ۋە ياپونىيە 2-، 3- بولغان. ساياھەتكە چىققانلارنىڭ ئىچىدە 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلار ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغان.

    مەنبەسى :تېڭشۈن


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك