• جۇڭگو ئامېرىكىدىن ئېشىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يادرو ئېنېرگىيە دۆلىتىگە ئايلىنىدۇ

  • يوللىغۇچى : قەيسەر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-25 03:55
  • جۇڭگو ئامېرىكىدىن ئېشىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يادرو ئېنېرگىيە دۆلىتىگە ئايلىنىدۇ

    خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى فاتىخ بىرول يېقىندا لوندوندىكى يىغىندا بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىدە توك تارقىتىش ساھەسىدىكى تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يادرو ئېنىرگىيە دۆلىتى بولۇپ قالىدىكەن. 

    ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە خەۋەرلىرى تاراتقۇسى «بازار كۆزىتىش تور بېكىتى»نىڭ بىرولنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا ياسىلىۋاتقان يادرو ئېلېكتىر گېنىراتور گۇرۇپپىسىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمى جۇڭگودا ئىكەن. بىرولنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2030-يىلىغا بارغاندا جۇڭگو ئامېرىكىدىن ئېشىپ ئەڭ چوڭ يادرو ئېنىرگىيە دۆلىتىگە ئايلىنىدىكەن. 

    خەلقئارا ئېنىرگىيە مەھكىمىسى تور بېكىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى يادرو ئېنىرگىيەسىدە توك تارقىتىشنىڭ جۇڭگونىڭ ئومۇمىي ئېلېكتىر كۈچى تەمىناتىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %2 بولغان. 2040-يىلىغا بارغاندا %4كە يېتىدىكەن. 

    بىرولنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ ئامېرىكا ئىزچىل تۈردە دۇنيا يادرو ئېنىرگىيە ساھەسىدىكى رەھبەر بولۇپ كەلگەن، ئەمما نۆۋەتتە ئىككى چوڭ مەسىلە ئامېرىكىنى بۇ ئۈستۈنلىكىدىن مەھرۇم قىلىشى مۇمكىن ئىكەن، بىرى يادرو ئېنىرگىيەسىدە توك تارقىتىش قۇرۇلمىسىنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرۇش بوشلۇقى ئىنتايىن چەكلىك، يەنە بىرى ھازىرقى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىش پىلانى يوق. 

    بىرولنىڭ ئېيتىشىچە، ئوخشاش ئەھۋالنى قۇياش ئېنىرگىيەسىدە توك تارقىتىش ساھەسىدىمۇ كۆرگىلى بولىدىكەن، جۇڭگو ئەمەلىيەت ئارقىلىق قۇياش ئېنېرگىيەسىدە توك تارقىتىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، تەننەرخنى تۆۋەنلەتكەن، نۆۋەتتە جۇڭگو سىرتقا ئۆزىنىڭ تېخنىكىسىنى چىقىرىشقا تەييارلانغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا دۆلەتلەردىكىنمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلالايدىكەن. 

    بىرول ئىلگىرى دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتىمۇ دۇنيادىكى ئېنىرگىيە سىستېمىسىدە بۇرۇلۇش ھاسىل بولۇش بىلەن بىرگە، جۇڭگونىڭ ئېنىرگىيە تۈزۈلمىسىمۇ «ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان» ئىنقىلابنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئېيتقان. 

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك