• iTunes بۇ يىل 5-ئايدىن باشلاپ XP/Vista سىستېمىسىنى قوللىمايدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلبايان
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-25 11:57
  • iTunes بۇ يىل 5-ئايدىن باشلاپ XP/Vista سىستېمىسىنى قوللىمايدۇ

    ئالما يېقىندا بىر قوللاش ھۆججىتى ئېلان قىلدى. كۆچمە ئابۇنتلار 5-ئاينىڭ 25-كۈنى سىستېمىنى يېڭىلىغاندىن كېيىن، تۇنجى ئەۋلاد Apple TV ۋە  Windows XP/Vista قاچىلانغان PC لاردا iTunes Storeنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. بۇ ئابۇنتلار يېڭىلىغاندىن كېيىن iTunes ئارقىلىق تۈر چۈشۈرۈش ياكى سېتىۋېلىش مەشغۇلاتىنى قىلالمايدۇ.

    ئالما ھازىر تۇنجى ئەۋلاد Apple TV ئىشلەتكۈچىلەرگە ئۇقتۇرۇش يوللىغان بولۇپ، ۋاقتى كەلگەندە ئابۇنتلار پەقەت ئىككىنچى ئەۋلاد ياكى يېڭىلانغان نۇسخىدىكى Apple TVدىلا  iTunes Storeنى زىيارەت قىلالايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئالما 2015-يىلىدىلا Apple TVنى «ۋاقتى ئۆتكەن» مەھسۇلات دەپ جاكارلىغان. 

    Windows XP ۋە Vista قاچىلانغان PC ئۈسكۈنىلىرىگە كەلسەك، گەرچە ئىشلەتكۈچىلەر كونا نۇسخىدىكى iTunes يۇمشاق دېتالىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدىغان بولسىمۇ، ئەمما  iTunes Storeنى زىيارەت قىلالمايدۇ، نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى iTunes 12 پەقەت Windows 7 ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان PCدا ئىجرا بولىدۇ. 

    مەنبەسى :سوخۇ تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك