• ئەڭ يېڭى پورسچى 911 ئاپتوموبىلى 10-ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-25 11:28
  • ئەڭ يېڭى پورسچى 911 ئاپتوموبىلى 10-ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ

    بىر قانچە كۈن ئىلگىرى پورسچى يېڭى بىر ئەۋلاد 911نىڭ ئاخىرقى نۇسخىسى GT3 RSنى ئېلان قىلدى، قانداقلا دەۋر ئالماشتۇرمىسۇن ئەڭ يېڭى پورسچى 911 (992) يەنىلا ھېلىقى بىر جۈپ «پاقا كۆز»دىن قۇتۇلالمىدى. مەھسۇلات باش نازارەتچىسى ئوگست (August Achleitner)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەيدەش لەززىتى 911نىڭ ئاساسى ئىكەن، ئەگەر ۋەزىيەتكە ماسلاشمىسا 911 ئاپتوماتىك ھەيدەش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن ئاخىرقى ئاپتوموبىل بولۇپ قالىدىكەن. 

    ئەڭ يېڭى 911دىكى ئاساسلىق ئۆزگىرىش بولسا ئۇ MMB سۇپىسىدا ياسالغان، گەۋدىسى تېخىمۇ كەڭرى قىلىنغان، ئېغىرلىقىمۇ يېنىكلىتىلگەن، ئىچىنىڭ بوشلۇقىمۇ چوڭايتىلغان. 

    ئىشەنچىلىكلىكى ئىنتايىن يۇقىرى 911نىڭ يوشۇرۇن تارتىلغان سۈرىتى


    ئاپتوموبىل باش قىسمىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە سېلىشتۇرغاندا قۇيرۇق قىسمىدىكى ئۆزگىرىش خېلى روشەن. قۇيرۇق چىراغقا ئۆتۈشۈش شەكلىدىكى لايىھە ئىشلىتىلگەن، پەرقلەندۈرۈشچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى. گاز چىقىرىش سىستېمىسىغا ئىككى تەرەپكە ئىككىدىن تۆت گاز چىقىرىش تۇرۇبىسى ئورنىتىلغان. 

    بۇ ئاپتوموبىلنىڭ باش نازارەتچىسى August Achleitner


    ئالدى يۈزىگە كەلسەك، ئالدى چوڭ چىراغقا ئەڭ يېڭى LED چىراغ مەنبەسى ئىشلىتىلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى يۈزىنىڭ لايىھەسى ھازىرقى نۇسخىسىغا ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. 

    ھەرىكەت كۈچىدە پورسچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئاپتوموبىلغا ئارىلاش ماتور ئىشلىتىلىشى مۇمكىن ئىكەن. بازار جەھەتتە ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلاد پورسچى 911 بۇ يىل كۈزدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2018-يىللىق پارىژ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنىدۇ، شۇ ۋاقىتتا 911 Carrera S ۋە 4S تىپى چىقىرىلىدۇ. 

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك