• ئۈرۈمچىدە يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەش خىزمىتى باشلىنىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-26 10:29
  • ئۈرۈمچىدە يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەش خىزمىتى باشلىنىدۇ

    ىدۇ. مۇخبىرنىڭ 23-فېۋرال ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى يۇلۇن سۇر ياۋا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، پات يېقىندا يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئىككى نۆۋەت ئەملەيدىكەن. بۇ چاغدا، بۇ ۋاكسىنىنى ئەملەش شەرتىنى ھازىرلىغان مەركىزىي شەھەردىكى 110 مىڭ بالا يېقىن ئەتراپتىكى ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىلىرىغا بېرىپ، يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ھەقسىز ئەملەتسە بولىدىكەن.

      ئىگىلىنىشىچە، يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسى (نېرۋا زەھەرلەيدىغان ۋىرۇس)دىن كېلىپ چىقىدىغان، بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، ۋىرۇس ئاساسلىقى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدىكى ھەرىكەت نېرۋا ھۈجەيرىلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىكەن، ئاساسلىقى يۇلۇن ئالدىنقى مۈڭگۈز ھەرىكەت نېۋرونى زەخىملىنىدىكەن.

      يۇقۇملانغۇچىلار ئاساسلىقى 1~6 ياشقىچە بولغان بالىلار بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىدا ئاساسەن قىزىش، پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇشتەك كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدىكەن، ئېغىر بولغاندا مۈچىلەر ئاغرىيدىكەن، بەدىنىنىڭ ئۇ-بۇ يەرلىرىدە ئېغىر-يېنىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ئاستا خاراكتېرلىك پالەچلىك كۆرۈلىدىكەن، بۇ كونىلاردا بالىلار پالەچ كېسىلى، دەپمۇ ئاتىلىدىكەن.

      ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ھازىر ئۈرۈمچىدە تۇرۇۋاتقان، 2014-يىلى 1-يانۋاردىن 2017-يىلى 31-دېكابىرغىچە تۇغۇلغان بالىلار مەيلى تۇغۇلغان يۇرتى قەيەردە بولسۇن، مەيلى بۇرۇنقى ۋاكسىنا ئەملەش تارىخى قانداق بولسۇن، بىردەك 5-مارتتىن 7-مارتقىچە، 9-ئاپرېلدىن 1-ئاپرېلغىچە يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغىنى ئەملىتىشى كېرەك.

    مەنبەسى :شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00