• سامسۇڭ: «قاتلىنىدىغان Galaxy X يانفونى»نى تەتقىق قىلىۋاتىمىز

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-26 11:54
  • سامسۇڭ: «قاتلىنىدىغان Galaxy X يانفونى»نى تەتقىق قىلىۋاتىمىز

    بۈگۈن سەھەر سائەت بىردە سامسۇڭ مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، S9 ۋە S9+ نى رەسمىي ئېلان قىلدى، Galaxy S9 ۋە S9+قا 10 نانومېتىرلىق ھۈنەر-سەنئەت قوللىنىلىپ ئىشەنگەن بىر تەرەپ قىلغۇچ (سىناپدىراگون 845 ۋە سامسۇڭ Exynos 9810) سەپلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا، S9نىڭ لىنزىسى ئۆزگىرىشچان نۇر ھالقىسىنى قوللايدىكەن، ئىقتىدارىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەن.

    مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن، سامسۇڭ يانفون كەسىىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى «قاتلىنىدىغان Galaxy X يانفونى»نى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى، لېكىن يەنىلا نۇرغۇن ئابۇنىتلار بۇنى بىر قىزىقچىلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەھسۇلاتنى ئېلان قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئابۇنىتلارغا ئەڭ ياخشى تەسىرات ئېلىپ ئاتا قىلالايدىغانلىقىمىزغا تولۇق ئىشەنچىمىز بار.»

    چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭ ئالدى بىلەن ئىچىگە قاتلىنىدىغان يانفون ئېلان قىلىدىكەن، ئاندىن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تېشىغا قاتلىنىدىغان يانفوننى تەتقىق قىلىدىكەن. تېشىغا قاتلىنىدىغان يانفون تېخىمۇ جانلىق ئېكرانغا موھتاج بولىدۇ. 

    ئىگىلىنىشىچە، سامسۇڭ نۆۋەتتە بىردىنبىر قاتلىنىدىغان يانفون تەتقىق قىلىۋاتقان شىركەت ئەمەس بولۇپ، مىكروسوفتمۇ بىر قاتلىنىدىغان تاختا كومپيوتېر (ياكى يانفون) نى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ. ھازىر ئۇلارنىڭ كونكرېت كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىلىش ۋاقتى تېخى ئېنىق ئەمەس، چۈنكى ھازىر قاتلىنىدىغان ئېكراننى كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش بىر قىيىن مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك