• ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئاچتى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-26 12:06
  • ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئاچتى

    يىغىندا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ تەشكىلىي ئاپپارات كودىنى باشقۇرۇش چارىسى›› قاتارلىق 15 تۈرلۈك ھۆكۈمەت قائىدىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارار قىلىندى

       مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 2 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ‹‹<ئاپتونوم رايوننىڭ تەشكىلىي ئاپپارات كودىنى باشقۇرۇش چارىسى> قاتارلىق 15 تۈرلۈك ھۆكۈمەت قائىدىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار (لايىھە)›› (تۆۋەندە ‹‹قارار (لايىھە)›› دەپ ئېلىندى) مۇزاكىرە قىلىنىپ، ھازىرقى خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
       يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھۆكۈمەت قائىدىلىرىنى تۈزۈش، ئۆزگەرتىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئىزاھلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت قائىدىلىرىنى ۋاقتىدا تۈزۈپ، ئۆزگەرتىپ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىدارە قىلىشقا ماھىر بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت قائىدىلىرى ئاساس قىلىدىغان بېقىندۇرغۇچى قانۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى ھۆكۈمەت قائىدىلىرى مەزمۇنىنىڭ ئورنىنى يېڭى تۈزۈلگەن بېقىندۇرغۇچى قانۇن – نىزام بەلگىلىمىلىرى ئالغان بولسا، بۇ ھۆكۈمەت  قائىدىسىنى ۋاقتىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاش ۋە مەخسۇس ئېنىقلاشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاش ئاساسىدا، ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا چېتىلىدىغان ھۆكۈمەت قائىدىلىرىنى ئېنىقلاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش كېرەك. ئېنىقلاشنى ھاۋالە قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئېنىقلاش جەريانىدا نوپۇزلۇق ئاپپاراتلارغا نىزام تۈزۈلگەندىن كېيىنكى قانۇنلۇق، مۇۋاپىق، ئۆلچەملىك بولۇش، ئىجرا قىلىش مۇمكىنچىلىكى ۋە مەنە ئىپادىلەيدىغان بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ماددىمۇ ماددا باھالاشنى ھاۋالە قىلىش كېرەك.
       ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قانۇنچىلىق ئىشخانىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، ھازىرقى كۈچكە ئىگە 141 تۈرلۈك ھۆكۈمەت قائىدىسىنى ئېنىقلاپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان 15 تۈرلۈك ھۆكۈمەت قائىدىسىگە قارىتا قانۇن بويىچە ئېنىقلاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندا ‹‹قارار (لايىھە)›› ماقۇللىنىپ، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ تەشكىلىي ئاپپارات كودىنى باشقۇرۇش چارىسى››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ۋاقىتلىق نوپۇسنىڭ ئامانلىقىنى باشقۇرۇش چارىسى››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئامانلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستاتىستىكا – تىزىملاشنى باشقۇرۇش چارىسى›› قاتارلىق 15 تۈرلۈك ھۆكۈمەت قائىدىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارار قىلىنىپ، تېزدىن تەرتىپ بويىچە ئېلان قىلىپ يولغا قويۇش تەلەپ قىلىندى.

    مەنبەسى :ts.cn


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك