• ھەر ۋاقىت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرىمەن

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-26 06:23
  • ھەر ۋاقىت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرىمەن

    ھەر ۋاقىت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرىمەن

    جىمىسار ناھىيەلىك مىللەت- دىن ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئابلەت ياسىن

    چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، «مىللەت»نى دەستەك قىلىپ، «دىن» تونىغا ئورىنىۋېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، بىگۇناھ ئاممىنى ئۆلتۈرۈپ، نورمال جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى.

      بىز «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي مەسىلىلەردە كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇشىمىز، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم قىلىشىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، قىلچە ئىككىلەنمەسلىكىمىز ۋە بىخۇدلۇق قىلماسلىقىمىز كېرەك.

      مىللەت- دىن ئىشلىرى سىستېمىسىدىكى كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ رەزىل ماھىيىتىگە رەددىيە بېرىمەن ۋە ئۇنى پاش قىلىمەن، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىشىغا ياردەم بېرىپ، «قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش» ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىنلار ئىناقلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن؛ پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا قىلغان ئالاھىدە غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىمەن؛ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى دائىم مىننەتدار بولۇشقا، پارتىيەگە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە يېتەكلەيمەن؛ «ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق − ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق − ئاپەت» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي مەيدانىم ۋە غايە- ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداشقا تەربىيەلەيمەن ۋە يېتەكلەيمەن؛ خىزمەتتە تۇتۇشقا، باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قەتئىي تۈزەپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى ئۈنۈملۈك توسىمەن.

      سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھەر ۋاقىت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرىمەن، ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىمگە بىرلەشتۈرۈپ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق ياخشى قوغداشقا يېتەكلەيمەن. شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى، مەن مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ھەر ۋاقىت بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمەن. چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە، ھەر ۋاقىت كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، باشتىن- ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، پوزىتسىيەدە كەسكىن بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىمەن. مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزۈمگە قەتئىي قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق كەڭ ئاممىنى گۈزەل، بەختلىك، ئىناق يۇرت- ماكانىمىزنى ئورتاق ياخشى قوغداشقا يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

    مەنبەسى :شىنجاڭ گېزىتى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك