• ئىيۇلدىن باشلاپ سامسۇڭ يانفونىنى BMW ئاپتوموبىلىنىڭ ئاچقۇچى ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلشات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-28 02:05
  • ئىيۇلدىن باشلاپ سامسۇڭ يانفونىنى BMW ئاپتوموبىلىنىڭ ئاچقۇچى ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ

    MWC 2018 مەزگىلىدە سامسۇڭ بىلەن BMW ئاپتوموبىل شىركىتى قىسمەن BMW ئاپتوموبىلىنىڭ سامسۇڭ يانفونى ئارقىلىق قۇلۇپ ئېچىشنى قوللايدىغانلىقىنى، بۇ ئىقتىدارنىڭ ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 

    بۇ ئىقتىدارنى قوللايدىغان سامسۇڭ يانفونىغا BMW Connected ئەپىنى چۈشۈرگەندىن كىيىن، ئاپتوموبىل ئاچقۇچى ئورنىدا ئىشلىتىپ، ئاپتوموبىل ئىشىكىنى بىۋاسىتە ئاچقىلى بولىدىكەن، لېكىن ماتورنى ئوت ئالدۇرۇش ئۈچۈن يانفوننى ئاپتوموبىل ئىچىدىكى سىمسىز زەرەتلەش تاختىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇشقا توغرا كېلىدىكەن. 

    سامسۇڭ يانفونىدىكى ئاپتوموبىل ئاچقۇچىنى ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش ئابۇنتنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن نۇسخىلاپ بەرگىلى بولىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم بەلگىلەنگەن سامسۇڭ يانفونىنى ئىشلىتىش كېرەك، شۇنداق بولغاندا يانفوننىڭ يۈتۈپ كېتىش مەسىلىسىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، لېكىن ئاپتوموبىل قۇلۇپ ئېچىش ئۈچۈن يانفون چوقۇم ئوچۇق ھالەتتە بولۇشى كېرەك.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك