• ما خۇاتېڭ تېڭشۈننىڭ تەرەققىيات يولىدىكى ئۈچ نۇقتىنى يەكۈنلىدى

  • يوللىغۇچى : دىلشات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-28 02:22
  • ما خۇاتېڭ تېڭشۈننىڭ تەرەققىيات يولىدىكى ئۈچ نۇقتىنى يەكۈنلىدى

    نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ئىنتېرنېت كارخانىلىرى ئارىسىدا تېڭشۈننى ئىمپېرىيە شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما بۇ ئىنتېرنېت ئىمپېرىيەسى ئىلگىرى قىيىن ئەھۋالدا قېلىپ ئۆزىنى ساتماقچىمۇ بولغان. يېقىندا، ما خۇاتېڭ يازما ئېلان قىلىپ تېڭشۈننىڭ تەرەققىيات يولىنى ئەسلەپ، تېڭشۈننىڭ تەرەققىيات يولىدىكى ئۈچ نۇقتىنى يەكۈنلىدى. 

    ما خۇاتېڭ يازمىسىدا تېڭشۈننىڭ تەرەققىيات يولىدىكى ئۈچ نۇقتىنى «MSN غا زەربە بېرىش، 360 قا زەربە بېرىش ۋە ئۈندىدارغا زەربە بېرىش» دەپ يىغىنچاقلىغان. 

    بىرىنچىسى، MSN غا زەربە بېرىش. MSN ئىلگىرى QQنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى ئىدى، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا زاۋال تاپتى. ما خۇاتېڭنىڭ قارىشىچە، MSNنىڭ زاۋال تېپىشىدىكى سەۋەب ئىككى بولۇپ، بىرىنچىسى، ئىجتىمائىيلاشتۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەي، فېيسبۇكنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولغان؛ ئىككىنچىسى، MSN دۆلىتىمىزدە ياخشى يەرلىكلەشتۈرۈلمىگەن.

    ئىككىنچىسى، 360 قا زەربە بېرىش. ما خۇاتېڭنىڭ يازمىدا ئېيتىشىچە، تېڭشۈن قۇرۇلغاندىن بۇيان بۇنچە چوڭ بېسىمغا دۇچ كەلمىگەن بولۇپ، بەزىلەر ئەينى ۋاقىتتىكى كەچۈرمىش تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ رىقابەت دەپ قارايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ما خۇاتېڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەگەر 360 قىينىمىغان بولسا تېڭشۈن بۇنچە بەك قىينالمىغان، ئۆزى ئۈستىدە بۇنچە كۆپ ئويلانمىغان ھەم بۇنچە كۆپ تەسىراتقا ئېرىشەلمىگەن بولاتتىكەن. 

    ئۈچىنچىسى، تېڭشۈننىڭ ئۆزىنىڭ ئۈندىدارى. ما خۇاتېڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا تېڭشۈننىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۈچ ئەترەت ئۈندىدارنى تەتقىق قىلغان، ئۈچ ئەترەت مۇستەقىل بولۇپ، كىم غەلىبە قىلسا شۇنىڭ مەھسۇلاتى ئېلان قىلىنىدىكەندۇق. ئەڭ ئاخىرىدا گۇاڭجۇدىكى ئېلخەت تارمىقىدىن كەلگەن ئەترەت غەلىبە قىلىپ، چېڭدۇدىكى ئەترەت ناھايىتى ئۈمىدسىزلەنگەن، چۈنكى ئۇلار پەقەت بىر ئايلا ئارقىدا قالغان ئىكەن.

    مەنبەسى :تېڭشۈن تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك