• ئابدۇۋەلى نۇرتاينىڭ «يارى يوقلار» ناملىق ئەڭ يېڭى MVناخشىسى تارقىتىلدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-02-28 05:22
  • ئابدۇۋەلى نۇرتاينىڭ «يارى يوقلار» ناملىق ئەڭ يېڭى MVناخشىسى تارقىتىلدى

    ئەلكۈيى تورى سەنئەت قانىلى مەخسۇس خەۋىرى: ئىجادىيەتتە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، كەمتەرلىك بىلەن توختىماي ئۆگىنىپ،  ئىجتىھات قىلىپ كېلىۋاتقان مۇزىكا ئىجادىيەتچىسى، ناخشىچى ئابدۇۋەلى نۇرتاينىڭ  «يارى يوقلار» ناملىق  2018-يىللىق ئەڭ يېڭى سۈرەتلىك ناخشىسى ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سونۇلدى، مەزكۇر  ئىجادىي ناخشا ئابدۇۋەلى نۇرتاينىڭ ئەجىر مېھنەتلىرىنىڭ  ئازغىنە مېۋىسى سۈپىتىدە تورداشلارنىڭ كۆڭۈل ئارامىغا سونۇلغان بولۇپ ، تۆۋەندىكى تەرجىمھال ۋە مەزمۇنلاردا ئابدۇۋەلى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.


    ئابدۇۋەلى نۇرتاينىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

    ياش ناخشىچى ،تالانتلىق ئىجادىيەتچى ئابدۇۋەلى نۇرتاي1985-يىلى11-ئايدا ئالتاينىڭ كۆكتوقاي رايۇنىدا تۇغۇلغان،1993-يىلى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن سانجىغا كۆچۈپ كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى سانجىدا ئوقۇپ 2005-يىلى9-ئايدا ئەلا نەتىجە بىلەن شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان.2010-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ھازىر ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

    ئاتا-ئانىسىنىڭ تەسىرى ۋە كۆكتوقاينىڭ كۆپ مىللەت،كۆپ خىل مەدەنىيەتلىك مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىنلا سەنئەتكە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلىغان ئابدۇۋەلى نۇرتاي ھازىرغا قەدەر توختىماي تىرىشىپ خەلقىمىزنىڭ بولۇپمۇ ياش دوستلىرىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ئېرىشكەن نۇرغۇن نادىر ناخشىلارنىڭ ئىجادىيتىنى ئىشلىگەن. 

    بىتخوۋېن «مۇزىكا-ئىنسان روھىدىن پارتىلاپ چىققان ئوت ئۇچقۇنىدۇر» دەيدۇ. بىز بۇ قېتىم ئىجادىيەتتە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، كەمتەرلىك بىلەن توختىماي ئۆگىنىپ،ئىجتىھات قىلىپ كېلىۋاتقان مۇزىكا ئىجادىيەتچىسى،ناخشىچى ئابدۇۋەلى نۇرتاينىڭ  «يارى يوقلار» ناملىق  سۆرەتلىك ئىجادىي ناخشىسىنى ئەجىر مېھنىتىمىزنىڭ ئازغىنە مېۋىسى سۈپىتىدە ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق. ئابدۇۋەلى نۇرتاينىڭ ئىجادىيەتلىرىگە ۋە كۈيلىرىگە دىل بېرىپ،دېققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بارلىق ئەزىز دوستلارغا ئابدۇۋەلى نۇرتاي نامىدىن تەشۈككۇرىمىزنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە سەنئەتنىڭ مېھىر ئالىمىدە گۈزەل كۈيلەرگە  جۆربولالىغىنىمىزدىن سۆيۈنىمىز.

    ئابدۇۋەلى نۇرتاينىڭ «دىلرابا» ناملىق يېڭى  ناخشىسىنىڭ خەلقىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا بالدۇراق سۇنۇلىشىنى،يەنە تەييارلىقلىرى پۈتۈپ قالغان تۇنجى ناخشا پىلاستىنكىسىنىڭمۇ ئوڭۇشلۇق بازارغا سېلىنىشىنى، دوستلارغا يېڭى زامانغا خاس يېڭىچە ئىستېتىك تۇيغۇ بېغىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.  


    تېكىستىنى ئىشلىگۈچىلەر : قۇربانجان قۇدرەت، ئىمىنجان مەمەت
    مۇزىكىسى: ئابدۇۋەلى نۇرتاي 
    ئاكورتلاشتۇرغۇچى: كېرەمجان مەمەتئېلى 
    روللاردا: شاھىمەردان ئىمىن ، ئالىيە ھامۇت 
    سۈرەتلىك فىلىم رېژىسسورى: شىرئەلى تۇرسۇن 
    ئوپىراتور: شىرئەلى تۇرسۇن، ئىليار ئەركىن
    رەڭ ئۈنۈملىگۈچى : شىرئەلى تۇرسۇن 
    فوتوگراف: پەخرىدىن، ئىلغار ئابلىكىم
    ئالاھىدە قوللىغان ئورۇنلار :360 ئالتۇن روسىيە مۇزىكا كولۇبى ، LAX مۇزىكا كولۇبى ، مىلادىيە مۇزىكىلىق چايخانىسى ، ئۇدار مۇزىكىلىق چايخانىسى، كۆرگۈ ئوبراز لايىھەلەش سالونى ، دىلجەم قەھۋەخانىسى ، NOTE رەڭلىك گېرىملىرى ، تەنناز گىرىمچىلىكى
    قوللىغان تاراتقۇلار : ئەلكۈيى تورى ، نۇر تورى ،تېڭشۈن ۋىدىئو ، سۇبات سالونى  ، ئەينەك ئەپ دىتالى ئىزدەش سالونى ، قومۇل سالونى، ئادىلجان مەمىتىمىن سالونى  قاتارلىق سالونلاردا باشتا تارقىتىلدى ، ھەرقايسى تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىشىنى قارشى ئالىمىز .






    بۇ ناخشىنىڭ ئەلكۈيى تورىدا تارقىتىلغان  ئەڭ سۆزۈك ھالەتتىكى نۇسخىسى 

    يارى يوقلار


    ياندۇرغاننى دەيدىكەن چىراق،
    كۆيدۈرگەننى دەيدىكەن پىراق.
    كۆيۈپ تۇرۇپ يا سۆيەلمىسەم،
    كۆيدۈرگىچە كەتكىنە يىراق!

    يارى يوقنى بىچارە دەيدۇ،
    يارى يوقنى ھەممە يەكلەيدۇ.
    يارالغان بىز جۈپتىمىز بىلەن
    تەنھا يۈرسەك نېمە دەيدۇ.


    لالە دېدىم لالەدىنمۇ ئاق،
    يانالمىدىم كېچىلەر بىراق.
    كۈلدۈرمىدىڭ كۆيدۈرگەن بىلەن
    كۆزقىسمايلا كەتكىنە ئوماق.




    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك