• ئەسقەر ئەيسانىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىك ناخشىسى - زارىم

  • يوللىغۇچى : دىلشات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-06 02:28
  • ئەسقەر ئەيسانىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىك ناخشىسى - زارىم


    ئەسقەر ئەيسا 1995-يىلى9-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان . ئەسقەر كىچىكىدىن تارتىپلا سەنئەتكە ئىنتايىن ھېرىسمەن چوڭ بولغان ،شۇنداقلا مەكتەپنىڭ چوڭ-كىچىك پائالىيەتلىرىدە ناخشا ئىيتىپ ،رىياسەتچىلىك قىلغان.تاما - تاما كۆل بۇلار دىگەندەك ئەسقەر نىڭ سەنئەتكە بولغان ئىشتىياقى تىخىمۇ ئاشقان ۋە 2014-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات تارقىتىش ئىنىستىتوتىنىڭ دىكتور-رىياسەتچىلىك كەسپىگە يۇقىرى نەتىجە بىلەن قۇبۇل قىلىنغان .


    ئالىي مەكتەپنىڭ تۇنجى يىلىلا شىنجاڭ سەنئەت تورىنىڭ  يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ئۆتۈپ ،ئۆز كەسپنى تاۋلاشقا يول ئالغان .شۇ يىللىق 【يىپەك يولى ساداسى 】《ئەڭ كۈچلۈك 8ماھىر》نى زىيارەت قىلىپ سۆھبەت پروگراممىسى ئىشلىگەن.

    2016-يىلى بالا چولپان 《ئەلفىنۇر تۇرسۇن》نىڭ سەنئەت كىچىلىكىدە زۈبەيدە تۇرسۇن بىلەن رىياسەتچىلىك قىلغان.
    ئەسقەر ئەيسا بىر تەرەپتىن مەكتەپتە رىياسەتچىلىك كەسپنى ئوقۇسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىدۇ ۋە تىرىشىپ سەنئەتنىڭ يەنە بىر تۈرى بولغان ناخشا كەسپىگە ئىشتىياق باغلاپ ئۆزىنىڭ سەنئەتىكى  ئۇسلۇبنى خىللاشتۇرىدۇ ، چۈنكى سەنئەت دىگەن بۇ ئۇقۇم ناھايتى كەڭ مەنا .
    ئەسقەر ھازىر زامانىۋى  ئۇسۇل ئۆگىنىۋاتىدۇ شۇنداقلا تىخىمۇ ياخشى ناخشىلارنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.سەنئەتنىڭ  تەقەززاسى ئەسقەردىن يىڭى - يىڭى نەتىجىلەرنى  كۈتمەكتە.ئەسقەر ئەيسا ھۇزۇرۇڭلارغا    سۇنغان 《زارىم 》ناملىق بۇناخشىنى كەڭ سۇيۇملۇك  تاماشىبىلارنىڭ ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك  ،مۇھاببەتلىك دىللىرىغا  ھۇزۇر بەھىش ئىتش  تىلىكىدە  سۇندى   .

    بىزمۇھەم بۇ ياش   ناخشىچىمىزنىڭ ئارزۇ- ئارمانىرىغا قانائەت ۋە مۇۋاپىقىيەت  تىلەيمىز،  2018-يىلىق سەنئەت دۇنياسىدا پارلىغان بىر چولپان يۇلتۇزىنى كۆرەلەيدىغالقىمىزغا تامامەن ئىشىنىمىز ، يۇلىڭىز پارلاق بۇلسۇن!



    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك