• شياۋمىنىڭ ئامېرىكىغا يۈرۈش قىلىشى پەقەت يانفون سېتىش ئۈچۈنلا ئەمەس

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-06 03:07
  • شياۋمىنىڭ ئامېرىكىغا يۈرۈش قىلىشى پەقەت يانفون سېتىش ئۈچۈنلا ئەمەس

    بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 6-مارت خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شياۋمىنىڭ قۇرغۇچىسى لېي جۈن ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، شياۋمىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرى ياكى كېلەر يىلىنىڭ باشلىرى ئامېرىكىغا يۈرۈش قىلىپ، ئامېرىكىدا ئەقلىيفون ساتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئامېرىكا بازىرىنىڭ كۆلىمى ئاسىيا بازىرىغا يەتمىسىمۇ، لېكىن ئۇ يەردە يەنىلا نۇرغۇن پايدا بار، ئامېرىكىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ يانفونغا خەجلەيدىغان پۇلى ئاسىيادىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
    لېكىن شياۋمىنىڭ مەقسىتى پەقەت يانفون سېتىشلا ئەمەس بولۇپ، بەلكى پاي چېكىنى بازارغا  سالغاندا، شىركەتنىڭ مۆلچەر قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىكەن. 
    نۆۋەتتە ساھەدىكى خەۋەرلەردە شياۋمىنىڭ مۆلچەر قىممىتى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ  دېيىلىۋاتىدۇ ياكى قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى مۆلچەرلىنىۋاتىدۇ. لېكىن بۇ مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ ئۇنىڭ يۇقىرى مۆلچەر قىممىتىگە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىدىن ياكى جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پۇل خەجلەپ شياۋمىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەمما بۇ مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن شياۋمىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى، مالىيە ۋە تىجارەت ئەترىتى چوقۇم توسالغۇلارنى ئۈزلۈكسىز سۈپۈرۈپ تاشلىشى كېرەك. 
    شياۋمى ئۆتكەن يىلى قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، 2015-يىلى ۋە 2016-يىلىدىكى چۈشكۈنلۈكتىن قۇتۇلدى. ھىندىستان بۇ غەلىبىگە تۈرتكە بولدى، ساھەدىكىلەر مۆلچەرىچە، شياۋمى كەلگۈسى 12 ئايدا ھىندىستاندا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىكەن.
    ئەگەر ئۇ ھەممە كىشى ئويلىغاندەك يۇقىرى مۆلچەر قىممىتىگە ئېرىشمەكچى بولسا، شياۋمى يەنە باشقا تەدبىرلەرنىمۇ قوللىنىشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن شياۋمى مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئامېرىكىغا يۈرۈش قىلىش ئويى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. تىجارەت كىرىمى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئامېرىكا بازىرىنىڭ يېقىنقى پەسىللەردىكى ئېشىش سۈرئىتى ئاسىيا بازىرىدىنمۇ تېز بولغان. 
    شياۋمى ئامېرىكىغا بۇ يىلنىڭ ئاخىرى ياكى كېلەر يىلىنىڭ باشلىرى يۈرۈش قىلىدۇ، يەنە پاي چېكى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ مەبلەغ سېلىش بانكىلىرىنى بىر تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. ئەمەلىي نەتىجىسىنى نامايان قىلىشنىڭمۇ ئورنى قالمىدى. 
    شۇڭا، شياۋمىنىڭ ئامېرىكىدا ئەقلىيفون سېتىش پىلانى بار بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ ئۇلار ھەقىقىي سېتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسە ئەمەس.

    مەنبەسى :qq.com


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك