• دىلرابانىڭ يېڭى تىياتىرى بەش كۈندە 300 مىليوندىن ئارتۇق كۆرۈلدى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-06 03:02
  • دىلرابانىڭ يېڭى تىياتىرى بەش كۈندە 300 مىليوندىن ئارتۇق كۆرۈلدى

    يېقىنقى ئىككى كۈندىن بېرى دىلرابا توردا ئىزدەش قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالدى، بۇ ئۇنىڭ يېڭىدىن قويۇلۇۋاتقان تىياتىرى «ليېخو تېغىدىكى ساھىبجامال» دىن بولغان. بۇ تىياتىر ھەقىقەتەن ياخشى بولۇپ، كۆرسىتىلىشكە باشلىغان قىسقىغىنە بەش كۈن ئىچىدە 300 مىليوندىن ئارتۇق كۆرۈلگەن، بۇ دىلراباغا نىسبەتەن ھەقىقەتەنمۇ ئوڭايغا توختىمايدۇ. چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم چوڭ ئايال غوجىدار رولىنى ئېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئالدىنقى ئەسىرى «چىن دەۋرىدىكى تولۇنئاي» نىڭ نەتىجىسى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان، نۇرغۇن كىشىلەر دىلرابانى چوڭ ئايال غوجىدار ئوبرازىغا ماس كەلمەيدىكەن دېيىشكەن، مانا ھازىر «ليېخو تېغىدىكى ساھىبجامال» تىياتىرى ياخشى نەتىجىسى بىلەن دىلرابانى كۆزگە ئىلمايدىغانلارغا ئۆزىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

    دىلرابا تۇنجى قېتىم چوڭ ئايال غوجىدار ئوبرازىنى ياراتقاندا، ھەممە ئادەمگە ئانچە يېقىپ كەتمىگەن. «چىن دەۋرىدىكى تولۇنئاي» قويۇلغاندىن كېيىن، كۆرۈلۈش نىسبىتى ۋە ئالقىشلىنىشى ئادەتتىكىچە بولغان، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى كىشىنى بىئارام قىلىدىغان نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشقان. شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەر دىلرابا توغرىسىدا گەپ توقۇشقا باشلىغان، ئۇنى بۇنداق چوڭ خانىش ئوبرازىغا ماس كەلمەيدىكەن بولۇپمۇ قەدىمكى دەۋر تىياتىرىدا رول ئالمىسا بولغۇدەك دېيىشكەن.

    سۆز-چۆچەكلەر دىلرابانىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇپ قويالمىدى، يېقىندا جوۋ يۈمىن بىلەن ھەمكارلاشقان تىياتىرى «ليېخو تېغىدىكى ساھىبجامال» قويۇلۇپ بەش كۈندە كۆرۈلۈش قېتىم سانى 300 مىليوندىن ئېشىپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.

    كىم دىلرابانى چوڭ ئايال غوجىدار ئوبرازىغا ماس كەلمەيدۇ دەيدۇ؟ ھازىر ئۇ سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئۆزىنى ئىسپاتلىدى، دىلرابا ئۈچ يىل ئىلگىرى «كاراتلىق مۇھەببەت» تىياتىرىدا رول ئېلىپ دىققەت-ئېتىبارغا ئېرىشكەن، ھازىر ئۇ پەقەت ئۈچ يىلدىلا بىرىنچى سەپتىكى پورەكلەپ ئېچىلغان قىزىلگۈلگە ئايلاندى. بۇنداق تېز تەرەققىياتنى ھەقىقەتەنمۇ تەسەۋۋۇر قىلىش تەس.

    دىلرابا بارلىق بېسىملارنى يەڭدى، ئۇنىڭ «ليېخو تېغىدىكى ساھىبجامال» تىياتىرىدىكى ئىپادىسى يامان ئەمەس بولغان، لې رۇگېدەك بۇ ئوبراز ئۇنىڭغا بەكمۇ چۈشكەن، بەزىلەر ئۇنى قەدىمكى تىياتىرلاردا رول ئېلىشقا ماس كەلمەيدۇ دېيىشىدۇ، بىراق تەسەۋۋۇر قىلىپ باقساق، ناۋادا «ليېخو تېغىدىكى ساھىبجامال» تىياتىرىدا دىلرابا رول ئالمىغان بولسا بۇ تىياتىر ھازىرقىدەك شۇنچە تېزلا قىزىمىغان بولاتتى.

    «ليېخو تېغىدىكى ساھىبجامال» تىياتىرى ئومۇمىي جەھەتتىن نادىر تىياتىر، دىلرابا قوشۇلۇپ نادىرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ نادىرى بولۇپ قالدى. دىلرابا بۇ تىياتىردا «گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرگەن» دەك رول ئوينىغان، ئۇنىڭ تىياتىردىكى تۇرقى مەيلى قانداق بولسۇن، كۆرۈرمەنلەر سېتىۋېلىپ كۆرۈشكە رازى بولۇشقان.

    ھەر قانداق تاشقى ئامىل «ليېخو تېغىدىكى ساھىبجامال» غا تەسىر كۆرسىتەلمىدى، بەش كۈندە 300 مىليون كۆرۈلۈش ھەقىقەتەنمۇ قۇدرەتلىك ئەمەلىي كۈچ. «ليېخو تېغىدىكى ساھىبجامال» نىڭ يۇقىرى كۆرۈلۈش نىسبىتىنى ساقلاپ، يىللىق كۆرۈلۈش چېمپىيونى بولۇشىغا تىلەكداشمىز.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك