• يېڭى بىر ئەۋلاد كىنو چولپىنى-ئاتىيا شېتتى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-06 03:41
  • يېڭى بىر ئەۋلاد كىنو چولپىنى-ئاتىيا شېتتى

    20180306000330667.jpg

    بوللىۋود تاماشا خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    ئاتىيا شېتتى(Athiya Shetty) ئۇ 1992-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى بومبايدا تۇغۇلغان، ئۇ سۇنىل شېتتى بىلەن مانا شېتتىنىڭ قىزى. بومبايدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان، چوڭ بولغاندىن كېيىن ئامېرىكىدىكى بومباي مەكتىپىدە ئوقۇغان، كېيىنچە دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىش مەقسىتىدە نيۇيورك كىنو ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىدە ئوقۇغان. ئۇ تۇنجى فىلىمىنى سالمان خان فىلىم ئىشلەش شىركىتى ئىشلىگەن «قەھرىمان»(Hero) بىلەن باشلىغان بولۇپ، بۇ فىلىمدە ئۇ سۇرەج پانچولى بىلەن ھەمكارلاشقان.

    ئاتىيا بىلەن سۇرەج پانچولى فىلىمفەر ژۇرنىلى مۇقاۋىسىدا

    2017-يىلى ئاتىيا شېتتى ئانىل كاپۇر ۋە ئارجۇن كاپۇر باش رول ئالغان فىلىم «Mubarakan» دا رول ئېلىپ ئىككىنچى قېتىم ئېكراندا نامايەن بولغان.

    «سۆيگۈ خەزىنىسى» (Prem Ratan Dhan Payo) فىلىمىدىكى سونام كاپور ئۇنىڭ نەزىرىدە بوللىۋودتىكى ئەڭ گۈزەل مودا مەبۇدىسى بولۇپ، ھېچكىم ئۇنىڭغا يەتمەيدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە سونام كاپورنىڭ ئۆزىگە خاس بەلگىسى بار ئىكەن، ئۇ چىرايلىق ھەم ئېسىلزادە ھەم نازاكەتلىك بولۇپ، ھازىرقى تالانتلىق ئايال ئارتىسلارنىڭ بىرى ئىكەن.

    يېڭى بىر ئەۋلاد كىنو چولپىنى ئاتىيا شېتتى ئۆزى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

    ئۆزۈمنىڭ ئۇسلۇبى ئىنتايىن «ئاددىي»، مەن بىر ئادەتتىكى ئادەم. مەن راھەت كىيىملەرنى كىيىشنى ياخشى كۆرىمەن، ھەشەمەتچىلىكنى ياقتۇرمايمەن، مودا خانىشى سونام كاپوردىن مودا ئۇسلۇبى ئۆگىنىشكە تىرىشىمەن. مەن سونام كاپورنىڭ ھەممە نېمىسىگە زوقلىنىمەن، ئۇ مېنىڭ مەبۇدەم! ئارقىدىنلا ئۇ ئۆزىنىڭ تاماشا چەمبىرىكىگە يېڭى كىرگەنلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىپ، ئۆزىنى ھەر تەرەپتىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ نادىر فىلىملەرنى كۆرۈرمەنلەرگە سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    يېقىندا، ئاتىيا شېتتى مودا ژۇرنىلى « Verve Magazine» نىڭ مۇقاۋىسىغا چىقتى ھەمدە بىر يۈرۈش مودا سۈرەتلەرگە چۈشتى. سۈرەتلەردە ئۇ ئۆزىنىڭ جەزبىدارلىقىنى نامايەن قىلغان بولۇپ تۆۋەندە بىرلىكتە كۆرۈپ چىقايلى:

    20180306001154734.jpg

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك