• جەنۇبىي ئاۋىياتسىيەسى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئۇچقۇچى قوبۇل قىلماقتا

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-06 03:41
  • جەنۇبىي ئاۋىياتسىيەسى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئۇچقۇچى قوبۇل قىلماقتا

    ئاپتونوم رايونىمىزدا 2018-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى، تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەنلەر تىزىملاتسا بولىدىكەن.
    مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 4-كۈنى جەنۇبىي ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم جەنۇبىي ئاۋىياتسىيەسى ئىلگىرىكى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، قوبۇل قىلىش دائىرىسىنى 2018-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ياكى ئالدىنقى يىللىرى ئوقۇش پۈتكۈزگەن تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى، ئاسپرانتلارغىچە كېڭەيتكەن، كەسىپ جەھەتتە سەنئەت، تەنتەربىيە كەسپىدىن باشقا كەسىپتىكىلەر بىردەك تىزىملاتسا بولىدىكەن.
     ياش جەھەتتە، تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەن 24 ياشتىن تۆۋەن ئوقۇغۇچىلار (1994-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار)، ئاسپرانتلىقنى پۈتكۈزگەن 26 ياشتىن تۆۋەن ئوقۇغۇچىلار (1992-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار) تىزىملاتسا بولىدىكەن.
    بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل مەكتەپ پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن مەكتەپ پۈتكۈزگەنلىكىگە ئالاقىدار بارلىق گۇۋاھنامىلار بىلەن تەمىنلىشى، تىزىملاتقۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئېنگىلىزتىلى 4-دەرىجە گۇۋاھنامىسى ياكى «ياسى» ئىمتىھانىدا 5.5 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نومۇر ئالغان بولۇشى كېرەك ئىكەن.
    بەدەن ساپاسى جەھەتتە، بوي ئېگىزلىكى 168 سانتىمېتىردىن يۇقىرى بولۇشى كېرەككەن ، يېڭى نۇسخىدىكى خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۇچقۇچىلىرىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئۆلچىمى ئاساس قىلىنىدىغان بولۇپ، ئىككىلا كۆزىنىڭ يىراقنى كۆرۈش ئىقتىدارى 0.1 (C خەت جەدىۋىلى) دىن تۆۋەن بولماسلىقى،  كۆز ئەينەكنىڭ گرادۇسى 3.5D-(يىراقنى كۆرەلمەسلىك 350 گرادۇس) دىن يۇقىرى بولماسلىقى تەلەپ قىلىنىدىكەن.
    ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق تەكلىپ قىلىش تەشۋىق قىلىش، تىزىملىتىش، قىسقىچە تەرجىمھالىنى تاللاش، دەسلەپكى تەكشۈرۈش، يۈزتۇرا ئىمتىھان، ئېنگىلىزتىلى يېزىقچە ئىمتىھانى، ئۇنىۋېرسال سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، ئۈچ تەرەپ كېلىشىم ئىمزالاش، ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش، تەن سالامەتلىكىنى قايتا تەكشۈرۈش، ئاۋىياتسىيە مەكتىپىنىڭ يۈزتۇرا ئىمتىھانى، تەربىيەلەش كېلىشىمى ئىمزالاش، ئاۋىياتسىيە مەكتىپىدە تەربىيەلەشتىن ئىبارەت 12 ھالقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
    مۆلچەرلىنىشىچە، ئاۋىياتسىيە مەكتىپىنىڭ يۈزتۇرا ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنلەر 2018-يىلى 7-ئايدىن 12-ئايغىچە تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ ئاۋىياتسىيە مەكتىپىگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرىدىكەن، نەزەرىيە جەھەتتىكى ئۆگىنىش ۋە ئۇچۇش مەشىقى پراكتىكىسىنى تاماملاپ تەربىيەلەش كېلىشىمىدىكى ئالاقىدار كېنىشكىلارنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، جەنۇبىي ئاۋىياتسىيەسىگە كىرىپ خىزمەت قىلىدىكەن.
        خىزمەت ئورنى تەقسىماتىدا ئۇچقۇچىلار بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەرنى ئالدىن تاللىسا بولىدىكەن، يەنى ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ھەمدە جايلارنىڭ ئۇچۇش ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن خىزمەت ئورنىنى تاللىسا بولىدىكەن.
        بۈگۈندىن باشلاپ 4-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ئارزۇسى بولغان ئىستۇدېنتلار جەنۇبىي ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تەكلىپ قىلىش تورى (job.csair.com) دا تىزىملىتىپ، تەكلىپ قىلىش، تەكلىپ قىلىنىش ئىلتىماس جەدىۋىلىنى چۈشۈرۈپ تولدۇرۇپ، ئىلتىماسنى پوچتىدىن جەنۇبىي ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتى ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا ئەۋەتىپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدىكەن.
    ئىگىلىنىشىىچە، نەق مەيداندا تىزىملىتىش 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلىنىدىغان بولۇپ، بۇ چاغدا جەنۇبىي ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەكتەپلەردە لېكسىيە سۆزلەيدىكەن ھەمدە لېكسىيە سۆزلىگەن نەق مەيداندا ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاپ ئاددىي يۈزتۇرا ئىمتىھانغا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن؛ باشقا ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ بىردەك تىزىملاتسا بولىدىكەن.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك