• ئامىتاب باچچان بىلەن رىشى كاپور ھەمكارلاشقان يېڭى فىلىم«102 ياشتا سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىق» 4-ماي قويۇلىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-06 03:48
  • ئامىتاب باچچان بىلەن رىشى كاپور ھەمكارلاشقان يېڭى فىلىم«102 ياشتا سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىق» 4-ماي قويۇلىدۇ

    20180306082241390.jpg

    ئامىتاب باچچان بىلەن رىشى كاپۇر ئۇمېش شۇكلا(Umesh Shukla)نىڭ يېڭى فىلىمى «102 ياشتا سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىق» (102 Not Out) تا ھەمكارلىشىپ ئېكران يۈزىدە قايتا نامايەن بولدى. بۇ ئىككى گىگانت چولپان «Ajooba»(1991) فىلىمىدە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈنگەن بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ 27 يىلدىن كېيىن قايتا ھەمكارلىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    بۇ فىلىمدە، ئامىتاب باچچان بىلەن رىشى كاپور 102 ياشلىق ئاتا بىلەن 75 ياشلىق بالا رولىنى ئالىدۇ. ئۇندىن باشقا، ئامىتاب باچچان فىلىمنىڭ قىستۇرما ناخشىسى سۈپىتىدە بىر رەپ ناخشىسىنى ئۈنگە ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ بوم ئاۋازىدا ئېيتىلغان رەپ ناخشىسى كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. بۇ ناخشىنىڭ ئىسمى «BAADDUUMMBAAA».

    يېقىندا، ئۇ ئالاقە تورىدا بىر پارچە سۈرەت ھەمبەھىرلىدى ھەمدە سۈرەت ئاستىغا «ئاھ...قوزام، BAADDUUMMBAAA» دەپ يازدى. بۇ ئىبارە نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرنى ئۆزىگە قىزىقتۇردى. ئامىتاب باچچان نۇرغۇن تېمىلىرىدا بۇ سۆزنى ئىشلەتكەن.

    ئامىتاب باچچان بىلەن رىشى كاپۇر باش رول ئالغان «102 ياشتا سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىق»(102 Not Out) فىلىمى بۇ يىل 5-ئاينىڭ 4-كۈنى قويۇلىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك