• فىئورېنتىنا كاپىتانى ئاستورىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ئېنىقلاندى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-06 03:25
  • فىئورېنتىنا كاپىتانى ئاستورىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ئېنىقلاندى

    ئىتالىيە «جۇمھۇرىيەت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فىئورېنتىنا كاپىتانى ئاستورىنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپات بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ توختاپ قالغىنىدا ئىكەن.

    بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن ئاستورى ئۇدىنىستىكى مېھمانخانىدا ئۇخلاۋېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ. ھازىر پۈتۈن خەلقئارا پۇتبول ساھەسى ماتەم مەزگىلىگە كىردى. ئاستورىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بۇ ئايلانمىدىكى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىمۇ ئارقىغا كېچىكتۈرۈلدى.

    ئىتالىيە «جۇمھۇرىيەت گېزىتى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاستورىى ئۇخلاۋاتقاندا ئۇنىڭ يۈرىكى توختاپ قالغان. ئالاقىدار خادىملار مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ قارىشىمىز بولسا، توپچى (ئاستورى) تەبىئىي سەۋەب تۈپەيلى ۋاپات بولغان، سەۋەبى تۈرەك توختاپ قېلىش. لېكىن ئاجايىپ يېرى شۇكى، بۇ ئەھۋال بىر كەسپىي پۇتبولچىدا پەيدا بولغان، ئۇ دائىم سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈپ تۇرىدۇ، تەكشۈرۈشتە بۇ خىل دېئاگنوزلار قويۇلمىغان.»

    يۈرەك تۇيۇقسىز توختاپ قېلىش يۈرەكنىڭ قاننى سىقىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تۇيۇقسىز توختاپ قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ، چوڭ ئارتېرىيە سوقۇشى بىلەن يۈرەك تاۋۇشى يوقىلىدۇ، مۇھىم ئەزالار (مەسىلەن مېڭە) ئېغىر قان يېتىشمەسلىك، ئوكسېگىن يېتىشمەسلىك ئارقىلىق ھاياتى ئاخىرلىشىدۇ. بۇ خىل ئويلىمىغان يەردىن ئۆلۈپ كېتىش، مېدىتسىنادا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك