• ئۈچ خان بىلەن ھەمكارلاشقان بوللىۋود كىنو چولپىنى--كەرىشما كاپور

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-03-06 03:51
  • ئۈچ خان بىلەن ھەمكارلاشقان بوللىۋود كىنو چولپىنى--كەرىشما كاپور

    20180305215337876.jpg

    سەرتان يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە بۇ ئارتىس 1974-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ھىندىستاننىڭ بومبايدا تۇغۇلغان، كىنو ئارتىسى. ئەركىلەتمە ئىسمى «Lolo» بولۇپ، بوللىۋود كىنو چولپىنى كارېننا كاپورنىڭ ئاچىسى. خەلقئارالىق كىنو فېستىۋالىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، ۋە بوللىۋودتىكى كۆرۈرمەنلەر ئەڭ ئامراق ئارتىسلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئامىرخان بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن فىلىمى «ھىندىستانلىق راجا» دىن كېيىن داڭقى چىقىشقا باشلىغان.

    كەرىشما كاپور ئۈچ خان بىلەن ھەمكارلاشقان بولۇپ، شاھرۇھ خان بىلەن «كۆڭۈل دېگەن ساراڭ» فىلىمىدە ھەمكارلاشقان، سالمان خان بىلەن «ھىندىستانلىق راجا» ۋە «راست ۋە يالغان» قاتارلىقلاردا ھەمكارلاشقان، ئۇنىڭدىن باشقا سالمان خان بىلەن يەتتە فىلىمدە، ئاكشاي كۇمار بىلەن يەتتە فىلىمدە، ئاجەي دېۋگان بىلەن بەش فىلىمدە ھەمكارلاشقان.


    تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر مۇۋەپپەقىيىتى «مۆجىزە» ناملىق كۆپ قىسىملىق تىياتىردا رول ئالغانلىقى بولۇپ، بۇ تىياتىر 80 قىسىمدىن ئاشىدىغان بولۇپ، كەرىشما كاپور بىر ئايال كارخانىچىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ياش چاغلىرىدىن تارتىپ تاكى چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغىچە بولغان ئارىلىقتا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىسسىق-سوغۇقلىرىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ.


    يېقىندا، كەرىشما كاپور «ياخشى ماكان ۋە گۈللۈك»(Better Homes and Gardens Magazine) ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان بولۇپ، ئۇزۇن يىل «ئۈچەك» تە ياتقان بۇ چولپان ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىر گۇرۇپ گۈزەل سۈرەتلەر ئارقىلىق نامايەن قىلدى.

    20180305221358525.jpg

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك